سېرىق يۆگەي بىلەن يانتاق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئوت - چۆپلەرگە چىرمىشىپ ئېتىزلىقنى قاپلاپ كەتكەن سېرىق يۆگەي قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرغان ساپسېرىق سىياقىغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.
- بۇرادەر، نېمە بولدۇڭ؟ قالتىس خۇشالغۇ سەن؟ - دەپ سورىدى ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا ئگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان يانتاق سېرىق يۆگەينىڭ بۇ ھالىتىدىن ھەيران بولۇپ.
- نېمە بولاتتى، ئۆزۈمنىڭ خاسىيەتلىك گىياھ ئىكەنلىكىمدىن پەخىرلىنىۋاتىمەن، - سېرىق يۆگەي قىلتىرىقتەك گەۋدىسىنى مەزمۇت تۇتۇپ، پىخىلداپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ماڭا نىسبەتەن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خۇشاللىق بولىدۇ، دەملا يانتاق جانابلىرى؟!
- قانداق خاسىيىتىڭ بار؟ قېنى، ئېيتىپ باقە، ئاڭلاپ باقايلى! - يانتاق قىزىقىش بىلەن ئۇنىڭ تىترەپ تۇرغان نېپىز لېۋىگە تىكىلدى.
- يانتاق جانابلىرى، ئۆمۈر بويى بىللە ھەپىلىشىپمۇ تېخىچە مېنىڭ خاسىيىتىمنى بايقىۋالالمىدىلىمۇ؟ - دېدى سېرىق يۆگەي شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، - سىلى ئۆتكۈر نەيزىلىرىنى دىڭگايتىپ ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرسىلىمۇ، ئاشۇ يىڭنىدەك يىلتىزلىرىدىن ئايرىلىپ قالسىلا جانلىرىدىن جۇدا بولىدىلا. مەنچۇ؟ مەن سىلىدەك چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ئوزۇق ئالىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسەممۇ، بىرەر ئۆسۈملۈككە چىرمىشىۋالساملا ھاياتلىقنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، بەختلىك ياشىيالايمەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن - بۇنىڭغا چىرمىشىپ كېڭىيىپ تېخىمۇ راۋاج تاپالايمەن، مانا بۇ مېنىڭ خاسىيىتىم.
- ھە، مۇنداق دېگىن، - يانتاق سوغۇققىنا كۈلۈپ قويدى، - سېنىڭ خاسىيىتىڭ شۇمىدى!
- ئەلۋەتتە، يانتاق جانابلىرى، - يانتاقنىڭ سۆزى تۈگە - تۈگىمەيلا گەپنى بۆلدى سېرىق يۆگەي ئەزمىلىك بىلەن، ئىشەنمىسىلە قاراپ باقامدىلا! بىر تال يىلتىزىممۇ يوق تۇرۇقلۇق پۈتۈن بەدەنلىرىمگە چىرمىشىپ ئوزۇقلۇقۇمنى كېمەيتىپ قويماي باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن. ھى... ھى... ھى، بۇ دۇنيادا مېنىڭدەك خاسىيەتلىك گىياھ يوقتۇ؟!
- سەن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە چىرمىشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ ھالال ئەمگەك ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن شېرىن نېمەتلىرىنى كاپ ئېتىشتىن سىرت، يەنە ئۇلارنىڭ قېنىنى شوراپ ئۆزۈڭگە يېمەكلىك قىلىدىغانلىقىڭنى خاسىيىتىم دەپ ھېسابلايدىكەنسەن - دە! - دېدى گىدىيىپ تۇرغان سېرىق يۆگەيگە يانتاق مىختەك قادىلىپ، - سەن بىزگە چىرمىشىۋېلىپ تەييارغا ھەييار بولغانلىقىڭ ئۈچۈنلا مۇشۇنداق >خاسىيەت< لىك گىياھ بولۇپ قالغانسەن. ئەگەر يەككە تۇرىدىغان بولساڭ >خاسىيەت< لىك بولۇشۇڭ بۇياقتا تۇرسۇن، تېنىڭدە جان ساقلاپ تۇرالىشىڭمۇ مۇمكىن ئەمەس.