UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۆرە بىلەن ئىت

بۆرە بىلەن ئىت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر ئاچ بۆرە قوي باققۇچى ئىتقا: - ئاغىنە، ئىككىمىزنىڭ سىرتقى قىياپىتىمىز تازا ئوخشىشىدىكەن. قارا، ياڭاق سۆڭىكىمىز، چىشىمىز، پۇتىمىز، تېرىمىز... رەڭگىمىزمۇ ئاجايىپ ئوخشىشىدىكەن. بىز گۆش بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرىمىز، تۇغقانچىلىقىمىزمۇ بار، - دەپتۇ. ئىت گەپ قىلماپتۇ. بۆرە ئىتقا يېقىنلاپ كېلىپ سۆزلەۋېرىپتۇ: - راستلا، مەن قەدىمكى زامان ھايۋانلىرى ئىلىمىنى تەتقىق قىلغان، تەخمىنەن 20 مىڭ يىللار بۇرۇن بىز تامامەن بىر ئائىلىدىن ئىدۇق. ئۇ چاغلاردا ئىت يوق، بۆرىلا بار ئىدى. كېيىن ئىنسانلار تۇتۇۋالغان بۆرە كۈچۈكلىرىنى بېقىپ كۆندۈرۈپ ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇرۇۋۇۋالدى. ئەمەلىيەتتە قان سىستېمىسى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككىمىز ناھايىتى يېقىنلىشىپ كېتىمىز، بىز قىل سىغمايدىغان ئۆز ئادەملەر، جۇمۇ! ئىتتىن يەنە سادا چىقماپتۇ. بۆرە ئالدىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلىشىپ: - جاھاندا ئۆز ئادەملەر ھامان بىر - بىرىگە ياردەم قولىنى سۇنۇشىدۇ. بىر نەرسە يېمىگىنىمگە ئۈچ كېچە - كۈندۈز بولدى، قورساقلىرىم ئېچىپ، ئۈچەيلىرىم تارتىشىپ كېتىۋاتىدۇ، قوي دېگەن ئوت - چۆپ يەيدىغان ھايۋان، بىز بىلەن قىلچە قانداشلىقى يوق. مېنىڭچە، پاقلاندىن بىرەرىنى يېۋەتسەم قارشى تۇرمايسەنغۇ دەيمەن، - دەپتۇ. بۆرە ئىتنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا قوي توپىغا ئوغرىلىقچە كىرىپ، ئەڭ سېمىز بىر پاقلاننى كۆزلەپ ئېتىلىپتۇ. بۇ چاغدا قوي باققۇچى ئىت ئوقتەك ئېتىلىپ كېلىپ ئاچ بۆرىنىڭ كېكىردىكىنى >كاپ< قىلىپ چىشلەپتۇ. دەرۋەقە، بۆرىنىڭ ئېيتقانلىرى دۇرۇس. بۆرە بىلەن ئىت تارىختا بىر ئائىلىدىن ئىدى، ئەمما ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلار تامامەن ئوخشاشمايدىغان ئىككى يولدا مېڭىپ كەلدى!
← بارلىق تېمىلار ماسال
بۆرە بىلەن ئىت | UyghurWiki | UyghurWiki