UyghurWiki
UyghurWikiماسالتۈلكە بىلەن بورسۇق قىزنىڭ ئېچىنىشلىق مۇھەببىتى

تۈلكە بىلەن بورسۇق قىزنىڭ ئېچىنىشلىق مۇھەببىتى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تۈلكە بىلەن بورسۇق قىز مۇھەببەتلىشىپتۇ. ئۇلارنىڭ دوستلۇقى دېمەيدىغان گېپى قالمايدىغان، ئىنتايىن ئىناق باسقۇچقا يېتىپتۇ. قىش پەسلى كېلىش ئالدىدا تۇرغاندا، ئوزۇق بارغانسېرى قىسلىشىپ كېتىپتۇ. بورسۇق قىز كۆپ قېتىم سىرتقا چىقىپ، قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوزۇقلۇق توپلىماقچى بوپتۇ، بىراق تۈلكە دائىم ئۇنىڭغا ئېسىلىۋېلىپ، بارغىلى قويماپتۇ. - ئالدىرىماڭ، مېنىڭ ئەپچىل چارەم بار، - دەپتۇ ئۇ بورسۇق قىزغا. ئۇزاق ئۆتمەي، بىر كۈنى تۈلكە راستتىنلا بىر خالتا ئاشلىق ئەكەپتۇ، ئۇ كۆرەڭلىگەن ھالدا بورسۇق قىزغا قاراپ: - قاراڭ، مەن مۈشۈكئېيىقنىڭ قېشىدىن بىر خالتا ئاشلىق ئەكەلدىم. بۇ يىل قىشتا ئىككىمىزنىڭ يېيىشىگە يېتىدۇ، - دەپتۇ. - دوستىمىز مۈشۈكئېيىقنىڭمۇ قىشنى ئۆتكۈزگۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ ئاشلىقى بولمىسا، ئۇنىڭ قەيەردىمۇ بىزگە ئۆتنە بەرگۈدەك ئېشىنچا ئاشلىقى بولسۇن، - دەپتۇ بورسۇق قىز ھەيران بولۇپ. تۈلكە بارماق قولىنى ئۇيان - بۇيان قىلىپ سىرلىق ھالدا بۇرسۇق قىزغا: - مەن سىزنى، كېسەل بولۇپ قالغىلى ئون نەچچە كۈن بولدى، ئاچ قالدى دېۋىدىم، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئۆتنە بەردى، - دەپتۇ. - بىراق مېنىڭ كېسىلىم بولمىسا! - دەپتۇ ئۇ تېخىمۇ ھەيران بولۇپ. - ئۇنچىۋالا ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭ. - دەپتۇ تۈلكە سەل خاپا بولۇپ، - سىززە تازا كاچ ئىكەنسىز، ھازىرقى كۈندە كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقىنى پەقەتلا پايدىلىنىش مۇئامىلىسى، ئاشلىقىمىز بولغانىكەن، خاتىرجەم قىشنى ئۆتكۈزەيلى. بورسۇق قىز تۈلكىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، شۇ ھامان ئالدىدا تۇرغان تۈلكىنىڭ، ئۆزى چۈشىنىدىغان يارى بولماستىن، بەلكى ناھايىتى يات ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ. ئۇ تۈلكىگە باشتىن - ئاياغ بىر سەپسالغاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن: - سىز: >بۈگۈنكى كۈندە كۆپچىلىك ئوتتۇرىسىدا بولۇۋاتقان مۇئامىلە، پەقەتلا ئۆز ئارا پايدىلىنىش مۇئامىلىسى< - دەۋاتىسىز، بىراق مەن سىزگە ئەزەلدىن سەمىمىي مۇئامىلىدە بولدۇم، كۆيۈندۈم! مۈشۈكئېيىق ئاكىمىز مېنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىمنى ئاڭلاپ، دەرھال بىزنىڭ قىشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىمىز ئۈچۈن بىر خالتا ئاشلىقنى سىزگە يۈدۈتۈپ قويۇپتۇ. بۇنداق قىلغانلىق بىزدىن پايدىلانماقچى بولغانلىقىمۇ؟ مەن شۇنى كۆرۈۋالدىمكى، سىز راستتىنلا بىر ئالدامچى ئىكەنسىز، باشقىلاردىن پايدىلىنىدىغان شەخسىيەتچىكەنسىز! - دەپتۇ. - مېنىڭ بۇ ئاشلىقنى تېپىپ كېلىشىم سىز ئۈچۈن! - دەپ ئاقلاپتۇ تۈلكە ئۆزىنى. - بۇنداق ئەخلاقسىزلىق بىلەن ئالداپ ئەكەلگەن ئاشلىقنى يېمەيمەن! - دەپتۇ بورسۇق قىز. - بىزنىڭ ئىناق مۇناسىۋىتىمىزنى يەنە داۋاملىق ساقلاپ قالغىلى بولامدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ تۈلكە ھىجىيىپ تۇرۇپ. بۇ چاغدا بورسۇق قىز بۇرۇن تۈلكىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ساختىلىقلىرى بىلەن شەخسىيەتچىلىكلىرىنى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن قەتئىي ئاھاڭدا: - بۇرۇن سىزنىڭ ماڭا بولغان مۇئامىلىڭىز پەقەتلا >پايدىلىنىش<، ھەرگىزمۇ >ئىناقلىق< ئەمەس ئىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن بولدى قىلايلى! ـ دەپتۇ. - راست، راستتىنلا ئەسلىگە كەلتۈرگۈدەك يېرى قالمىدىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ تۈلكە يەنە يېقىنلىق قىلىپ. - قالمىدى! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ بورسۇق قىز سوغۇققىنا. - ئۇنداق بولسا بۇ خالتىدىكى ئاشلىقنى ئۆزۈم يالغۇز يەيمەن، - دەپ ئاشلىق خالتىسىنى ئېلىپ مېڭىپ كېتىپتۇ. بورسۇق قىز ئۇنىڭ كەينىدىن بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇپتۇ...
← بارلىق تېمىلار ماسال