UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىككى پاقا

ئىككى پاقا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇن ئىككى پاقا ئۆتكەنىكەن. ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ، بىر كۆلدە ھايات كەچۈرىدىكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ بىرى ساپ نەسىللىك ئورمان پاقىسى بولۇپ، يۈرەكلىك، كۈچلۈك، خۇش خۇي ئىكەن؛ يەنە بىرى، قورقۇنچاق، ھۇرۇن بولۇپ، ئۇخلاشنىلا ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ گويا ئورمانلىققا بېرىپ باقمىغاندەك، خۇددى شەھەرنىڭ گۈللۈكىدە تۇغۇلغاندەك يۈرۈيدىكەن، لېكىن قەيەرگىلا بېرىشقا توغرا كەلسە، ئۇلار بىللە بارىدىكەن. بىر كۈنى كەچتە ئۇلار سەيلە قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپتۇ. ئۇلار ئورمانلىقتىكى تار يولدا كېتىۋېتىپ، ئۇشتۇمتۇت بىر ئۆينى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۆينىڭ ئالدىدا بىر گەمە بار ئىكەن. گەمىنىڭ ئىچىدىن ئۇلارنىڭ بۇرنىغا ياقىدىغان پۇراق چىقىپ تۇرغاچقا، ئۇلارنى ئۆزىگە تارتىپتۇ. ئۇلار تېزرەك گەمە ئىچىگە چۈشۈش ئۈچۈن يۈگۈرۈشۈپتۇ، سەكرىشىپتۇ. سەكرە - سەكرە توساتتىن سۈزمە قاچىلانغان كوزىنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ - دە، چۆكۈپ كېتىپتۇ. ئۇلار پۇت - قوللىرىنى ئىشقا سېلىپ، كوزىنىڭ ئىچىدە ئۈزۈشكە باشلاپتۇ. كوزا ھەم چوڭقۇر، ھەم سىلىق بولغاچقا، پاقىلار ئۇنىڭ ئىچىدىن چىقىۋېلىشنىڭ ئامالىنى زادىلا تاپالماپتۇ، ھېلىقى ھۇرۇن پاقا يەنە ئۈزۈپ يۈرۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەي: بۇ يەردىن مەن ئۆلگۈچە ئۆمىلەپ چىقالمىغۇدەكمەن، پۇت - قولۇمنى ئىشقا سالغىنىم بىلەنمۇ بىكار، ساراڭلارلا بۇنداق بىمەنە ئىش ئۈچۈن ئۆزىنى قىينايدۇ، - دەپ ئۆزىنى قويۇۋەتكەنىكەن، بىردەمدىن كېيىنلا ئۆلۈپ قاپتۇ. ئەمما يەنە بىر پاقا بۇنداق قىلماپتۇ. ئۇ: ياق! ئۆلۈشنى ئويلاشقا ۋاقىتمۇ يېتەرلىك، مۇشۇ يەردىن پەقەت چىقالمىغاندىلا ئاندىن جېنىمدىن تويىمەن. ئەڭ ياخشىسى، پۇت - قولۇمنى ئىشقا سېلىپ يەنىلا ئۈزۈپ باقاي، خۇدا مەرھەمەت قىلسا بەلكى چىقىپ كېتەرمەن، دەپ ئويلاپتۇ. ئەپسۇسكى، ئۇ زادىلا چىقالماپتۇ. پاقا شۇنچە تىرىشىپتۇ، ئۈزۈشكىمۇ ماغدۇرى قالماپتۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تەن بەرمەپتۇ، بەلنى قويۇۋەتمەپتۇ: ھېچ ۋەقەسى يوق، - دەپ ئويلاپتۇ ئۇ، - تېخى غەيرىتىم بار، يەنىمۇ تىركىشىپ باقاي، مەن تىرىكلا بولىدىكەنمەن، يەنە ياشايمەن دېگەن گەپ، ئۇنداقتا تىركىشەي. بۇ باتۇر پاقا ئاخىرقى كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئېلىشىپتۇ. ئۇ زادى چىقالمىسىمۇ پۇت - قوللىرىنى داۋاملىق مىدىرلىتىپ تۇرۇپتۇ. توساتتىن پاقا تېگىدىكى سۈزمنىڭ ئورنىغا قاتتىق بىر نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىپتۇ. ئۇ چۆچۈپ كۆزىنى ئاچسا، كوزىنىڭ چۆرىسى يوق ئىمىش، ئۆزى بولسا بىر پارچە سېرىق ماينىڭ ئۈستىدە تۇرغۇدەك. >بۇ قانداق ئىش؟ قەيەردىن كەلگەن سېرىق ماي بۇ؟< پاقا ھەيران بوپتۇ، كېيىن بۇنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ تېپىپتۇ: ئەسلىدە ئۇ پۇت - قولى بىلەن سۇيۇق سۈزمىنى قوچۇۋەرگەچكە، سېرىق ماي پەيدا بولغانىكەن. پاقا: بۇنىڭدىن قارىغاندا، كۈچ چىقىرىپ قاتتىق ئىشلىگەچكە ھايات قاپتۇمەن - دە، دەپ ئويلاپتۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئويلا - ئويلا ئاخىر كوزىدىن سەكرەپ چىقىپ، دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن ئورمانلىققا قايتىپتۇ. يەنە بىر پاقا ئاشۇ كوزا ئىچىدە يېتىپ قاپتۇ. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ياكى مېڭىپ ئوينىيالماپتۇ، ياكى كۇركىرىماپتۇ. ھايات دېگەن ئاشۇنداق، ئەي پاقا، ھەممە ئەيىپ ئۆزۈڭدە، سېنىڭ قىلغىنىڭ توغرا ئەمەس، سەن بىر يولىلا چۆكۈپ كەتمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى! ئۆلۈمدىن تېخى يىراق تۇرغان چاغدا، ئۆلۈشن ئويلىماسلىق كېرەك...
← بارلىق تېمىلار ماسال