ئۆكۈز بىلەن كۈچۈك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۆكۈز بىر كۈنلۈك ئىشنى تۈگىتىپ، ئىگىسى بىلەن بىللە ئۆيگە قايتىپتۇ. ئۇلار ھويلىغا كىرگەندە كۈچۈك قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ ئىگىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپتۇ. ئىگىسى ئۇنىڭغا خالتىسىدا ئېشىپ قالغان ناندىن بېرىپ ئۆيگە كىرىپ كېتىپتۇ. بۇ چاغدا كۈچۈك ئۆكۈزنىڭ ئالدىغا كېلىپ:
- قارىغىنا، مەن ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىش قىلماي ئويناپ يۈرۈپ ئاق نان يېدىم، لېكىن سەن كۈن بويى جاپا تارتىپ، كەچتە كەلسەڭ سامان يەيسەن، - دەپ مەسخىرە قىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاچچىقلانغان ئۆكۈز:
- مەن ساڭا ئوخشاش قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ، ھارامزادىلىك بىلەن نان يېگەندىن، ھالال ئىشلەپ سامان يېيىشنى ئەۋزەك كۆرىمەن، - دەپتۇ.