UyghurWiki
UyghurWikiماسالشاتۇتى بىلەن بۇلبۇل

شاتۇتى بىلەن بۇلبۇل

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شاتۇتى: >دۇنيادا مېنىڭدەك سايرايدىغان قۇش يوق< دەپ مەغرۇرلىنىپ: كۈن بويى سايراۋېرىپتۇ. ئۇنىڭ توختىماي سايراۋېرىشىدىن بىزار بولغان ئۆي ئىگىسى ئۇنى ھويلىدىن باغقا ئاچىقىپ قويۇپتۇ. شاتۇتى ئۆي ئىگىسىنىڭ بۇ ئىشىدىن ناھايىتى خاپا بوپتۇ. شۇ ئارىدا بىر بۇلبۇل شاتۇتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەنىكەن، شاتۇتى ئۇنىڭغا ھال ئېيتىشقا باشلاپتۇ: - دوستۇم بۇلبۇل، - دەپتۇ شاتۇتى ئۇلۇغ - كىچىك تىنىپ قويۇپ، - ئاڭلىسام، سەن ناھايىتى ئۇستا ناخشىچىكەنسەن، كىشىلەر سېنىڭ سايرىشىڭنى بەكمۇ ياقتۇرىدىكەن. مەنمۇ سايراشتا ھەر ھالدا سېنىڭدىن قېلىشمايمەن، ئەپسۇسكى، مېنىڭ ئىگەم تولىراق سايراپ قويساملا، ماڭا قاراپ ئالىيىدۇ ياكى مۇشۇنداق باغقا ئاچىقىۋېتىدۇ. ئېيتقىنا، دوستۇم بۇلبۇل ئىگەم نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ؟ ئەگەر مېنىڭ سايرىشىمدا يېتەرسىزلىك جايلار بولسا، سەن ماڭا ياردەم قىلغىن. قانداق دەيسەن؟ - بولىدۇ. قېنى، سايراپ باققىن، ئاڭلاپ باقاي! - دەپتۇ بۇلبۇل. شاتۇتى ئۆزىنىڭ بارلىق ھۈنىرىنى كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ: خورازنى دوراپ سوزۇپ چىللاپتۇ، مېكىياننى دوراپ كاكاكلاپتۇ، ئىتنى دوراپ ھاۋشىپتۇ، مۈشۈكنى دوراپ مىياڭلاپتۇ... يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى دوراپ، بىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىپ بوپتۇ. - قانداق! - دەپتۇ شاتۇتى ماختىنىپ، - ئۆمرۈڭدە مۇشۇنداق چىرايلىق خىلمۇخىل ناخشىلارنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭ؟ - باياتىن بېرى سەن ئېيتقانلارنىڭ ھەممىسى دائىم مەن ئاڭلاپ يۈرگەن باشقىلارنىڭ ناخشىلىرىغۇ؟ باشقىلارنىڭكىنى دورىماي، ئۆز ناخشاڭنى ئېيتىپ باققىن، ئاڭلاپ باقاي، - دەپتۇ بۇلبۇل. شاتۇتى بۇلبۇلنىڭ ماختىمايۋاتقانلىقىغا ھەيران بولۇپ، بىر پەس جىم بولۇپ قاپتۇ - دە، تېخىمۇ ئاۋازلىق سايراشقا باشلاپتۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئىتنى، مۈشۈكنى، قاغىنى، ھۆپۈپنى دوراپتۇ. - چاتاق مۇشۇ يەردە ئىكەن، - دەپتۇ بۇلبۇل رەنجىپ، - سېنىڭ ئۆز ناخشاڭ يوق ئىكەن، ھەر قانچە چىرايلىق سايرىدىم دېگىنىڭ بىلەنمۇ پەقەت باشقىلارنىڭ ناخشىسىنى دورايدىكەنسەن. توغرا، بەزى قۇشلار ئانچە چىرايلىق سايرىيالمايدۇ، لېكىن ئۇ باشقىلارنى دورىماي، ئۆزىگە خاس ئاھاڭ بىلەن ئۆز مۇھەببىتى، خۇشاللىقىنى، غەم - قايغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئادەملەر ئۇنى يېڭى ناخشا دەپ تونۇپ ئاڭلايدۇ. سەن بولساڭ باشقىلارنىلا دورايدىكەنسەن، ھېچبىر يېڭى ناخشىنى ئېيتالمايدىكەنسەن. ئىگەڭنىڭ سېنىڭدىن زېرىككىنىڭمۇ شۇ. مېنىڭچە سەن، ئۆز ناخشاڭنى ئېيتىشنى ئۆگەنگىن، شۇ چاغدىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالايسەن، بىراق، - بۇلبۇل نېمىنىدۇر ئويلاپ كېتىپ، بېشىنى چايقاپ قويۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ، - سەن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان باشقىلارنى دوراپ ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكىڭ ئۈچۈن ئۆز ھېسسىياتىڭنى ئىپادىلەپ بېرەلىگۈدەك ئۆز ناخشاڭنى تېپىۋېلىشىڭمۇ قىيىن!...
← بارلىق تېمىلار ماسال