UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىككى ئىت

ئىككى ئىت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قويلار ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇۋاتىدۇ، قوتانغا بۆرە كىردىغۇ دەيمەن، ھاۋشىپ چىقمايمىزمۇ؟ - دەپتۇ يېڭى كەلگەن ئىتئ - تېنچ يات! - دەپتۇ بۇرۇنقى ئىت. - نېمىشقا؟ بىزنى قويلارغا قارايدۇ دەپ بېقىۋاتىدىغۇ؟ - ئەخمەق، قۇرۇق ئۇستىخان غاجىلاپ يۈرگىنىڭنى بېقىلىۋاتىمەن دەپ ئويلامسەن؟ بىزمۇ ئارىلاپ - ئارىلاپ يېڭى گۆش يەپ باقايلى - دە! - چۈشەنمىدىم، قانداق قىلىپ؟ - چۈشەنمەيدىغان نېمىسى بار؟ بىز ھازىر ھاۋشىپ چىقساق بۆرە قېچىپ كېتىدۇ. بىرەر قوينى بوغۇپ يېگىلى تۇرغاندا چىقساق، بۆرىدىن ئاشقان گۆش بىزگە قالىدۇ. ھەر كىم ئۆز نەپسىنى ئويلىسا ھامان، نېمە بوپ كېتەركىن، دەيمەن بۇ جاھان.
← بارلىق تېمىلار ماسال