قارىياغاچ بىلەن قارىغاي
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سەن ئۆسىمەن دەپ كۆپ ئاۋارە بولما، - دەپتۇ قارىياغاچلاردىن بىرى يېنىدىكى ياش قارىغايغا.
- نېمىشقا؟
- ئەگەر ئاسماندىن چاقماق چۈشسە، ئەڭ ئاۋۋال ئېگىز تۇرغان ساڭا تېگىدۇ.
- خۇش، بۇنىڭ بىلەن نېمە دېمەكچىسەن؟
- دېمەكچى بولغىنىم: ئورمانلىققا ئوت كەتسە، بۇ ئاپەتتىن كۆپىمىز قۇتۇلالمايمىز؛ ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ زەخمىلەنگىنىڭ زەخمىلەنگەن.
- كەلگەن بالا - قازا مەن بىلەنلا تۈگەپ، باشقىلار ئامان قالىدىغانلا بولسا، ئۆسۈشتىن بىر مىنۇتمۇ توختىمايمەن، - دەپتۇ ياش قارىغاي.
ئۆسۈشتە ئەل غېمىن ئويلىغان كىشى،
قايغۇرماس خەتەرگە يولۇقسا بېشى.