ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
تۇغدى تاغىل مۈشۈكخان،
يۇمشاق تۈكلۈك ئاسلاننى.
ئەتىۋارلاپ باقتى ئۇ،
بېرىپ ئاڭا تاپقاننى.
ئويۇن بىلەن ئاسلاننىڭ،
غەمسىز ئۆتتى كۈنلىرى.
ئانىسىغا باش قويۇپ،
ئۇخلا ئىدى تۈنلىرى.
دېدى مۈشۈك بىر كۈنى:
ئوماق بالام قۇلاق سال.
ئەمدى سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ،
يەم ئىزدەشنى ئۇقۇۋال.
ئۆگەن چاشقان تۇتۇشنى،
قورسىقىڭمۇ تويىدۇ.
كارغا كەلدى بالام دەپ،
ئاناڭ خۇشال بولىدۇ.
ئانىسىنىڭ سۆزىگە،
ماقۇل بولدى ئاسلانجان.
ئويلىدى ئۇ ئىچىدە:
چاشقان تۇتماق بەك ئاسان.
ئون چاشقاننى بىر قىلسا،
تەڭ بولالماس بويۇمغا.
كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇم مەن،
چاشقان چۈشەر قولۇمغا، -
شۇئان ئىزدەپ بۇلۇڭدىن،
بىر تۆشۈكنى تاپتى ئۇ.
تۇمشۇق تىرەپ تۆشۈككە،
كۆز چەكچەيتىپ ياتتى ئۇ.
كۈتە ... كۈتە بىر ھازا،
قالدى ئاسلان زېرىكىپ.
- چاشقان يوقكەن بۇ يەردە، -
دېدى راسا تېرىكىپ،
دېدى شۇ چاغ ئانىسى:
- بالام، بەمىڭ يوق ئىكەن.
دېۋەيلىسەڭ تۆشۈكتە،
چىقار چاشقان نەدىكەن.
ھەر ئىشنىڭ ئۆز يولى بار،
بىلگىن ئۇنى يەتكۈدەك.
كۈچلا بولسا بولمايدۇ،
يەنە تاقەت، پەم كېرەك.
تۇتماق ئۈچۈن چاشقاننى،
چىداملىق بول، ھارمىغىن.
يىراق تۇرۇپ تۆشۈكتىن،
سەگەك بولۇپ ھارمىغىن.
ئانىسىنىڭ سۆزلىرى،
زەپمۇ ياقتى ئاسلانغا.
دېدى: - قىلىپ چوڭچىلىق،
قالماي ئەمدى پۇشايمانغا...
سەۋر، پەمنى ئۆگەندى،
ھارماي تۆشۈك مارىدى.
چاشقان تۇتۇپ ئاسلانجان،
ئانىسىغا يارىدى.