UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۈرگىنىڭ نالىسى

بۈرگىنىڭ نالىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى چەللە تېمىنىڭ بۇلۇڭىدىكى چاڭ - توزان ئىچىدە ياتقان بىر بۈرگە بىر ياقتىن ھەسرەتلىنىپ ئاھ ئۇرسا، يەنە بىر ياقتىن ئىچى پۇشۇپ ئۆز - ئۆزىگە: >ھېچكىممۇ پالاكەتكە مەندەك ئۇچراپ باقمىغان بولغىيدى. بۇ دۇنيادا ئاز تولا قابىلىيىتى بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئېتىبارىغا ئىگە بولالمايدىكەن. ئاتاقلىق بىر مۇتەخەسسىس مېنىڭ سەكرەش قابىلىيىتىمنى تەھلىل قىلىپ، مېنىڭ ئۆز بويۇمدىن نەچچە ھەسسە ئېگىز نەرسىلەردىن سەكرەپ ئۆتۈپ كېتەلەيدىغانلىقىمنى، نۇرغۇنلىغان ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەرمۇ بۇ نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى، لېكىن مېنىڭ شان - شۆھرىتىم قەيەردە< - دەپتۇ. بۇ چاغدا، يېمەكلىك ئىزدەپ كەلگەن بىر چېكەتكە ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۈرگىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە: - سەن پەقەت ئۆزۈڭنىڭ سەكرەش قابىلىيىتىڭنىلا كۆرمەي، يەنە بۇنىڭغا تايىنىپ قانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلىدىغانلىقىڭنىمۇ ئويلاپ باقمامسەن، - دەپتۇ. بۈرگە بىر پەس ئويلىنىۋېلىپ، چېكەتكىگە: - مەن چاڭ - توزان ئىچىدە ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇيقۇم قانغاندىن كېيىن، كىشىلەرنىڭ پۇتىغا سەكرەپ چىقىۋېلىپ راسا قورساق تۇيدۇرىمەن. كىم مېنى تۇتماقچى بولسا، مەن بىر سەكرەپلا قېچىپ كېتىمەن، - دەپتۇ. سۆز شۇ يەرگە كەلگەندە، بۈرگىدە بايىقى ئازابلىنىشتىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ، بەلكى ئۇ مەغرۇرانە قىياپەتكە كىرىپتۇ. - سەن ئۆزۈڭنىڭ بىرەر ئارتۇقچىلىقىڭدىن پايدىلىنىپ ئەسكىلىك قىلىدىغان تۇرۇقلۇق، كىشىلەرنىڭ ساڭا شان - شۆھرەت بەرمىگەنلىكى ۋە ماختىمىغانلىقىدىن ئەجەبلەنمىسەڭ بولىدۇ. بۈرگە چېكەتكىنىڭ بۇ ئەيىبلىشىنى ئاڭلىغاندا، ئۇنىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بۈرگىنىڭ نالىسى | UyghurWiki | UyghurWiki