كىرپىنڭ پۇشايمىنى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بولغانىكەن بۇرۇندا،
ئوت - چۆپى مول بىر ئورمان.
ياشايدىكەن ئۇنىڭدا،
ئۇششاقۇ چوڭ قۇش - ھايۋان.
ئۆتەر ئىكەن شاد - خۇرام،
تەڭ دانلىشىپ، يايلىشىپ.
ھەمدە ئىكەن ھەر ئىشتا،
قالمايدىكەن تالىشىپ.
كۈنلەر ئۆتۈپ بىر كۈنى،
پەيدا بوپتۇ بىر تۈلكە.
شۇندىن بۇيان يوقاپتۇ،
ئورمانلىقتا شاد كۈلكە.
بىر كۈن بۆجەن يوقالسا،
بىر كۈن كەكلىك بالىسى؛
ئۈزۈلمەپتۇ كۈندىلا،
ئانىلارنىڭ نالىسى.
شۇندا يىغىن ئېچىپتۇ،
جان - جانىۋارلار يىغىلىپ.
بەلگىلەپتۇ كىرپىنى،
ئورمانلىققا پوست قىلىپ.
پوست تۇرۇپتۇ كىرپىباي،
بولۇپ ھەريان كۆز - قۇلاق.
يولاتماپتۇ يوچۇننى،
ئورمانلىققا بىسوراق.
يولى ئېتىك شۇم تۈلكە.
كۆڭلىگە پەنت پۈكۈپتۇ.
ئالداش ئۈچۈن كىرپىنى،
ئەپلىك پۇرسەت كۈتۈپتۇ.
تۇرسا بىر كۈن كىرپىباي،
كەپتۇ تۈلكە ھىجىيىپ.
دەپتۇ: - كەلگىن ئارام ئال،
بەلكى قالغانسەن ھېرىپ.
سەن جاپاكەش ھەم نادان،
پوست تۇرۇشنى بىلىسەن.
ھەر كىم نېمە بۇيرۇسا.
ياق، دېمەستىن قىلىسەن.
باشقىلارغا قاراپ باق،
ئويۇننى دۆڭ سوقىدۇ.
ھايات پەيزى سۈرۈشنى،
ئۇلار راستتىن ئۇقىدۇ.
خەققە ئىشلەپ نە پايدا،
سەنمۇ ئويناپ - كۈلمەمسەن؟
ئوزۇق توپلاپ قىش ئۈچۈن،
ئۆز غېمىڭدە يۈرمەمسەن؟...
توغرا تېپىپ بۇ سۆزنى،
كىرپە ئارتقا يېنىپتۇ.
ئىزدەپ يۈرۈپ بىرمۇبىر،
جامائەتنى يىغىپتۇ.
دەپتۇ كىرپە دوق قىلىپ:
- سىلەر بەكمۇ قورقۇنچاق.
پوست قويۇشنى ئورمانغا،
ئويلىشىڭلار ئوبدانراق.
ئەندىشەم يوق تۈلكىدىن،
قوغدايدىغان جۇۋام بار.
يازدا ئويناپ، قىش كۈنى،
ئۇخلاي دېسەم ئۇۋام بار.
جاپا چەكسەم پوستا مەن،
ئوينايسىلەر ھەممەيلەن.
بۇ ئىش ماڭا تالىقمۇ،
پوست تۇرۇڭلار رەت بىلەن،
ھاي بېرىپتۇ كىرپىگە،
تۇشمۇتۇشتىن باشقىلار.
بىراق كىرپە غوتۇلداپ،
كېتىپ قاپتۇ ئاستىلا.
شۇندىن بۇيان تۈلكىباي،
بەكمۇ قۇتراپ كېتىپتۇ.
ئۇچرىغانكى ئاجىزنى،
تاللىماي ھاپ ئېتىپتۇ.
بىر كۈن قايتىپ كىرپىجان،
سەيلە قىلىپ ئېتىزدىن.
ئوچۇق تۇرغان ئىشىكنى،
كۆرۈپ قاپتۇ نېرىدىن.
يېقىن كېلىپ قارىسا،
ئۆينىڭ ئىچى مالىمان.
بىر بالىسى يوق ئىمىش،
بىرى ياتقان يېرىم جان.
ھازا ئېچىپ تۇرغاندا،
دەپتۇ كېلىپ سېغىزخان:
- تۈلكە كەلدى ئۆيۈڭگە،
ئەسكىلىكنى شۇ قىلغان.
بۇنى ئاڭلاپ كىرپىنىڭ،
تۈتۈن چىقىپ بېشىدىن؛
پۇشايمان يەپتۇ ئۆمۈرلۈك،
مەنمەنچىلىك ئىشىدىن.