UyghurWiki
UyghurWikiماسالدەرياغا غەرق بولغان تورپاق

دەرياغا غەرق بولغان تورپاق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى تورپان ئۇياق - بۇياق سەكرەپ نايناقلاپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ ھۆركىرەپ: - قېنى، نوچى بولساڭ مەيدانغا چۈش، سوقۇشىمىز! - دەپ ھەدەپ كۆرەڭلىك قىلدى. ئۇ قوينى ئۈسۈپ يىقىتىۋەتتى، ئوغلاقنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن پادىلار تورپاقنى كۆرسە ئاپەتنى كۆرگەندەك ئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان بولۇشتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، يالغۇزچىلىقتا ئىچى پۇشۇپ زېرىككەن تورپاق، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە يېقىنلاشماق بولۇپ كەلگەنىدى، بىراق ئۇلارنىڭ ھەممىسى قورقۇپ قېچىشتى. بۇ ھالغا جېنى چىققۇدەك تېرىككەن تورپاق نېمە قىلارنى بىلمەي تۇرغاندا، دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ئوتلاققا كۆزى چۈشتى - دە، ئۇياققا ئۆتۈپ سەيلە - تاماشا قىلماقچى بولدى، لېكىن ھەيۋەت دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى. ئۇ دەريا بويلاپ مېڭىۋىدى، بىر كۆۋرۈك ئۇچرىدى. تورپاقنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ناخشا توۋلاپ، كۆۋرۈككە يېقىنلاشتى. شۇ ئەسنادا بىر قارلىغاچ كېلىپ: - تورپاق ئاكا، كۆۋرۈك بىلەن ئۆتكۈچى بولماڭ، - دېدى نەسىھەت قىلىپ، لېكىن تورپاق: - مەن بىلگەننى سەن بىلمەيسەن، ئاكاڭ قارىغاي ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ! - دەپ كۆۋرۈك بىلەن ئۆتمەكچى بولدى. - تورپاق ئاكا، كۆۋرۈكتە چاتاق بار، - دېدى توشقان. - ئىشىڭنى قىل، قورقۇنچاق، - تورپاق مەنسىتمەستىن قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كۆۋرۈككە قەدەم قويدى. - ئەي، ئارقىڭىزغا قايتىڭ، كېيىن پۇشايمان يەپ قالىسىز، - دېدى كىرپە. - ھا - ھا - ھا!... نېمە دەيسەن چۈپرەندە، سەن نېمىلەر ئاكاڭنى يولدىن قايتۇرماقچىمۇ! - دېدى تورپاق شالىنى چېچىپ ۋە ھەش - پەش دېگۈچە ئېغىر چامداپ كۆۋرۈك ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا قاراسلاپ سۇنغان ئاۋاز بىلەن تەڭ، تورپاقباي ھەيۋەت ئېقىۋاتقان دەرياغا غۇلاپ، سۇغا غەرق بولدى.
← بارلىق تېمىلار ماسال