UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۇلبۇل ۋە تورغاي

بۇلبۇل ۋە تورغاي

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قوينى ھەر خىل گۈللەرگە تولغان بۈك - باراقسان گۈلشەن باغدا بىر بۇلبۇل خۇشال - خۇرام ياشاۋېتىپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تېخىمۇ چوڭ، گۈزەل باغقا يۆتكىلىپ ياشىغۇسى كېلىپ قاپتۇ ۋە ئۇنى ئىزدەپ سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. سەپەر ئۈستىدە پايانسىز قاقاس چۆلدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە توغرا كەپتۇ. چۆلنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق ھەم تىنچىق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلبۇل ئۇچۇۋېرىپ، ھېرىپ - چاڭقاپ، قارا تەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭ شۇ تاپتا لايىق جاي تېپىپ ئارام ئالغۇسى كەپتۇ. قەيەردە ئۇنداق جاي بار دەيسىز؟ شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۈمىد بىلەن ئەتراپقا سىنچىلاپ نەزەر تاشلاپتۇ، بىراق، بىر يەردە كىچىككىنە بىر نەرسىنىڭ مىدىرلىغان گەۋدىسى ئۇنىڭ كۆزىگە كۆرۈنگەندەك بوپتۇ. ئۇ شۇ تەرەپكە قاراپ سۈرئىتىنى تېزلىتىپتۇ. ئارىلىق يېقىنلىغانسېرى ھېلىقى كىچىككىنە نەرسە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپتۇ. ئۇ كىچىككىنە بىر قۇش ئىكەن. بۇلبۇل ئويلاپتۇ: بۇمۇ ماڭا ئوخشاش يول يۈرۈپ، ھېرىپ - چاڭقاپ ھالىدىن كېتىپ، نائىلاج بۇ يەرگە چۈشۈپ، ئارام ئېلىشقا مەجبۇر بولغان بىچارىدەك قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ كۆرەي، مۇبادا سەپىرىمىز بىر بولۇپ چىقسا ھەمراھلىق كېتەرمەن... ئۇنداق بولمىسا، بىردەم سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن يولۇمغا كېتەرمەن... بۇلبۇل ھېلىقى كىچىككىنە قۇشنىڭ قېشىغا قونۇپتۇ. بۇلبۇل ئۇنى بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغانىكەن، لېكىن بىر قاراپلا ئۇنىڭ تۇرقىدىن مۇلايىم، ياۋاش بىر قۇش ئىكەنلىكىنى بىلىۋاپتۇ. بۇلبۇل ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇش مەقسىتىدە ئالدى بىلەن گەپ سوراپتۇ: - بۇرادەر كىم بولىسەن؟ - مەن تورغاي... - بۇ يەردە نېمە قىلىپ تۇرىسەن؟ - بىكار... - ماكانىڭ قەيەردە؟ - ماكانىم مۇشۇ يەردە... تورغاينىڭ بۇ ماكانى بۇلبۇلنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ. بۇلبۇل ئىچىدە: بۇ يەردە قانداقمۇ تىرىكچىلىك قىلغىلى بولار؟ بەلكى ئۇ مېنى گوللاۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاپ، تورغايغا تىكىلىپتۇ. لېكىن تورغاينىڭ تۇرقىدىن يالغانچىلىق ئالامىتى ھېچ كۆرۈنمەپتۇ. بۇلبۇل يەنە سىنچىلاپ سوراشقا باشلاپتۇ: - راستمۇ؟ - راست بولماي، يەنە. بۇلبۇل بۇ گەپلەردىن تورغاينىڭ ماكانىنىڭ مۇشۇ يەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ ۋە ئۇنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئۆكۈنۈپتۇ. - بۇرادەر، مەن بۇلبۇل بولىمەن، باغۇبوستانلاردا ياشايمەن، گۈللەرنىڭ كۈيچىسىمەن، تۇرمۇشۇم راھەت - پاراغەتتە ئۆتىدۇ. دۇنيادا ھايات دېگەن مانا مۇشۇنداق ئۆتۈشى كېرەك - دە!؟ گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئېيتسام، سېنىڭ مۇشۇ يەردە ياشىغىنىڭغا ئىچىم بەك سىيرىلىۋاتىدۇ. ماقۇل كۆرسەڭ مېنىڭ بىلەن يۈر، باغۇبوستان گۈلشەنلەر ئىچىدە ياشاپ، راھەت - پاراغەتتە بىرگە ئۆتەيلى، - دەپتۇ. تورغاي بۇلبۇلنىڭ بۇ شېرىن سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ ياكى ھە، ياكى ياق دېيىشنى بىلمەي تېڭىرقاپ قاپتۇ. بۇلبۇل ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ئاخىر ئۇنى بىللە كېتىشكە كۆندۈرۈپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. سەپەردە يول يۈرۈپ، يول يۈرسىمۇ مول يۈرۈپ، ئاخىر كاتتا بىر گۈلشەن باغنى تېپىپ ماكانلىشىپتۇ. بۇ يەردە بۇلبۇل بىلەن تورغاي بىر تۇغقان قېرىنداشتەك دوست - ئىناق بولۇشۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قىلىشىپ، كۈنلەرنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشكە باشلاپتۇ. بىر كۈنى تورغاي ئۆزىچىلا شۈكلەپ، ياكى سايرىماس، ياكى گەپ قىلماس بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھال بۇلبۇلنىڭ كۆڭلىنى غەش قىپتۇ: دوستۇم، مېنىڭدىن ئاغرىنىپ قالدىمۇ يا؟ بەلكى ئۇنداق ئەمەستۇ. كېسەل بولۇپ قالدىمۇيا؟ ئۇنداق بولسا نېمىشقا ماڭا ئوچۇق ئېيتمايدۇ... ئېقىن سۇدەك ئۈزۈلمەس خىياللار بۇلبۇلنىڭ كاللىسىنى ئۆمۈچۈك تورىدەك چىرمىۋاپتۇ. ئۇ ئەھۋالنى ئۇقۇشقا تەقەززا بولۇپ: - تورغايجان... نېمە بولدۇڭ؟ ئاغرىپ قالدىڭمۇيا؟ - دەپتۇ. تورغاينىڭ جاۋاب بەرمىگىنى بۇلبۇلنى بىر تەرەپتىن، جىلە قىلسا، بىر تەرەپتىن، كۆڭلىدىكى ئەندىشىنى ئاشۇرۇپتۇ، ئاخىر بولماي، ئۇ ئىچ پۇشۇقىنى تارقىتىش نىيىتىدە كۆزىنى يىراقلارغا تىكىشكە باشلاپتۇ. تورغاي شۇ پەيتتە جىملىقنى بۇزۇپ: >چۇ... چۇ... چۇ...< دەپ سايراپ كېتىپتۇ. بۇلبۇل: ئاغىنەم تۈزۈلۈپ قالغاندەك قىلىدۇ، دەپ تورغايغا خۇشال نەزەر تاشلاپتۇ. ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك بولماي چىقىپتۇ. قارغۇدەك بولسا، تورغاينىڭ چىرايلىق قارا كۆزلىرى مۇنچاق ياشلار تاراملاپ ئېقىۋېتىپتۇ. بۇلبۇل بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي، تورغاينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئەھۋالنى كوچىلاپ سوراپتۇ. - مەن بۇ يەرگە كۆنەلمىدىم...، - دەپتۇ تورغاي ئىلاجىسىز ھالدا. - نېمىشقا؟ - تاڭەي... - بۇ يەر سېنىڭ ماكانىڭدىن نەچچە ھەسسە گۈزەل ھەم ياخشىغۇ؟ - مېنىڭ ماكانىم كۆزلىرىمگە بۇ يەردىن نەچچە ھەسسە گۈزەل كۆرۈنۈپ، سېغىندۇرۇپ كېتىپ بارىدۇ. - شۇنداقمىدى؟ - ھەئە. - ئەمدى نېمە قىلاي دەيسەن؟ - يۇرتۇمغا قايتىشىمغارۇخسەت قىلساڭ. بۇ سۆزلىشىشتىن كېيىن، بۇلبۇل تورغاينىڭ ئۆز ماكانىغا قايتىشقا قوشۇلۇپتۇ ۋە بىر نەچچە كۈن مېھمان قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا - سالام بىلەن يولغا سېلىپ ئۇزىتىپ قويۇپتۇ. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ، >بۇلبۇلغا گۈل ياخشى، تورغايغا چۆل< دېگەن ماقال قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بۇلبۇل ۋە تورغاي | UyghurWiki | UyghurWiki