UyghurWiki
UyghurWikiماسالكىچىك دەرەخنىڭ چۈشى

كىچىك دەرەخنىڭ چۈشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بوز توشقان بىلەن تىيىن ئورمانلىقتا ھەدەپ سەكرەپ - تاقلاپ ئوينىغىلى تۇرۇپتۇ. بۇنى كۆرگەن كىچىك دەرەخنىڭمۇ سەكرەپ ئوينىغۇسى كەپتۇ، بىراق ئۇنىڭ يىلتىزى لاي توپا ئىچىگە چىرمىشىپ كەتكەن بولغاچقا، سەكرەپ ئويناشقا ئامال بولماپتۇ. بىر كۈنى كىچىك دەرەخ چۈش كۆرۈپتۇ. چۈشىدە قارىسا ئۆزىنىڭ يىلتىزى يوق تۇرغۇدەك، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇشال بولۇپ، تازا سەكرەپ ئويناشقا باشلاپتۇ. ئوينا - ئوينا، بىر ۋاقىتتىن كېيىن كىچىك دەرەخ ئىسسىقلاپ كېتىپتۇ، تېنىدىن چىققان تەر يوپۇرمىقى ئارقىلىق ھورغا ئايلىنىپ ھاۋا بوشلۇقىغا تارىلىپتۇ. كىچىك دەرەخنى ئۇسسۇزلۇق تۇتۇپ، بەك سۇ ئىچكۈسى كەپتۇ، بىراق ئۇ سىزنى يىلتىزى ئارقىلىق ئىچەتتى ئەمەسمۇ! ھازىر ئۆزىدە يىلتىز يوق، ئەمدى قانداق قىلىدىغان گەپ؟ چۈشىدە ئۇسسۇزلۇق ئازابىنى تارتىۋاتقان كىچىك دەرەخ بىردىنلا ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىپتۇ. - ۋاي نېمىدېگەن ياخشى، ھەر نېمە بولسا يىلتىزلىرىم توپا - لاي ئىچىدە چىرمىلىپ تۇرۇپتۇ! - دەپ خۇشال بولۇپ كېتىپتۇ كىچىك دەرەخ. بىردەمدىن كېيىن يامغۇر ياغقانىكەن، ئۇ يىلتىزى ئارقىلىق يەر ئاستىدىكى سۇنى >گۈپ - گۈپ< قىلىپ ئىچىپتۇ. نېمىدېگەن تاتلىق سۇ بۇ، يەنە كېلىپو تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىسى بار ئىكەن ئەمەسمۇ! كىچىك دەرەخ سۇنى ئىچىۋېرىپ تېز يوغىناپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
كىچىك دەرەخنىڭ چۈشى | UyghurWiki | UyghurWiki