UyghurWiki
UyghurWikiماسالقاغا جىگدىسى بىلەن ئۆردەك

قاغا جىگدىسى بىلەن ئۆردەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئۆرۈك دەرىخى مەي باغلىغان مېۋىلىرىگە قاراپ مەغرۇرلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەتراپىغا قارىغىنىدا جىگدىگە كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، مەسخىرىلىك كۈلۈپ: - ئەي، قاغا جىگدىسى، ماڭا قارا، مەن نېمىدېگەن چىرايلىق ۋە تاتلىق. ھېلىلا ئىگەم مېنىڭ مېۋىلىرىمنى سېۋەتلەرگە قاچىلاپ ئەكەتتى، سەن بۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، بويۇڭنى ئېگىپ ماراپ تۇرغىنىڭ تۇرغان، - دەپتۇ. بىكاردىن - بىكار ھاقارەتكە ئۇچرىغان قاغا جىگدىسى خاپىلىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەپتۇ: - دوستۇم، مەن سېنى شامالدىن، چارۋا - ماللاردىن مۇھاپىزەت قىلمىسام، سېنىڭ شاخلىرىڭ مەزمۇت، مېۋىلىرىڭ چىرايلىق بولۇپ پىشىپ يېتىلەلەمتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ مېۋىلىرىمنىمۇ ھۇزۇرلىنىپ يەيدىغان جانىۋارلار ئاز ئەمەس... ھاكاۋۇر ئۆرۈك دەرىخى ئۇنىڭ گېپىگە قايىل بولماي دىمىغىنى قېقىپتۇ، لېكىن نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قاپتۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە باغۋەن بوۋاي قاغا جىگدىسى قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىر تال تۈز شېخىنى كېسىۋېلىپ كەكىگە دەستە قىپتۇ - دە، ھېلىقى ئۆرۈك دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە تال ياۋا شاخلىرىنى كېسىپتۇ. بۇ چاغدا كەكىنىڭ دەستىسى چۆچۈپ كەتكەن ئۆرۈك غولىغا پىچىرلاپ: - دوستۇم، مەنمۇ ئىشقا يارامدىكەنمەن، ئەگەر مېنىڭ مۇشۇ ياردىمىم بىلەن سېنىڭ بۇ ياۋا شاخلىرىڭ كېسىۋېتىلمىسە، مۇنداق باراقسان ئۆسۈپ مېۋە بېرەلىشىڭ مۇمكىنمىدى؟ بۇنى ئاڭلىغان ئۆرۈك دەرىخى خىجىل بولۇپ گەپ قىلالماي قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
قاغا جىگدىسى بىلەن ئۆردەك | UyghurWiki | UyghurWiki