تام بىلەن گىلەم
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئاپئاق ئاقارتىلغان تامغا ئېسىپ قويۇلغان گىلەم تامغا قاراپ:
- مەن ناھايىتى چىرايلىق، مۇشۇ ئۆيگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىشىدۇ، چۈنكى مېنىڭ رەڭمۇرەڭ گۈللىرىم بار - دە! ئەگەر مەن بولمىسام...
بۇ سۆزگە تاقەت قىلىپ تۇرالمىغان گىلەم ئالدىراپ تامنىڭ سۆزىنى بۆلدى:
- سەن تېخى مەندىن ئۈستۈن تۇرماقچىمۇ؟ مەندىن گۈزەللىك تالاشماقچىمۇ؟ بۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنى ئاڭلىغىنكى، سېنى چىرايلىق كۆرسىتىۋاتقان مەن!
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان تامنىڭ غەزىپى ئۆرلىدى - دە، ئۆزىنى مىدىرلاتماستىنلا ئاستا - ئاستا سۇۋاقلىرىنى قويۇۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى گىلەم تامدا تۇرالماي يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە توپىلار چۈشتى. شۇنىڭ بىلەن گىلەمنىڭ گۈزەل چىرايى سەتلىشىپ، ئەمدىلىكتە قارىغۇسىز ھالەتكە كېلىپ قالدى.