كەكلىك بالىسىنىڭ پۇشايمىنى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كەكلىك بالىسى ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ ئورمانغا بېرىپتۇ. قارىسا، ئورمان ئىچى شۇنچە گۈزەل، ئېرىقلاردا سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان، ياۋا مېۋىلەر پىشىپ مەي بولۇپ شاخلاردا ساڭگىلىشىپ تۇرغان. كەكلىك بالىسى:
- پا، نېمىدېگەن چىرايلىق! تاقىر تاغدا يۈرگۈچە بالدۇرلا بۇ يەرگە كېلىۋالسام بوپتىكەن، - دەپتۇ ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا.
ئۇ بىر دەرەخ شېخىدا خۇشال سايراۋاتقان سېرىق قۇشقاچنى كۆرۈپ قاپتۇ: ئەجەپمۇ يېقىملىق سايرايدىكىنە! مەن كەچكىچە كاكىلداپلا يۈرۈيمەن، ئاۋازىم يېقىمسىز. مەنمۇ مۇشۇنداق سايرايدىغان بولۇپ قالسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە؟ باشقىلارنى ھەيران قالدۇراتتىم، دەپ ئويلاپتۇ كەكلىك بالىسى. ئۇنىڭ ئويى تۈگە - تۈگىمەيلا سېرىق قۇشقاچ پۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ. كەكلىك بالىسى ئۇنى خېلى ئىزدىگەن بولسىمۇ، ھېچ يەردىن تاپالماپتۇ. ئۇ ئاخىر سېرىق قۇشقاچنىڭ ئاۋازىنى دوراپ سايراشقا باشلاپتۇ، بىراق ئاۋازى ئۇنىڭكىدەك چىقماپتۇ. ئۇ توم ئاۋازىنى كىچىكلىتىپ سايراۋېرىپتۇ، بىر چاغدا دىققەت قىلىپ باقسا خېلى ئوخشاش سايرىغاندەك قىپتۇ.
- ھە، ئەمدى قاملاشتى، - دەپتۇ كەكلىك بالىسى قانائەتلىنىپ، - ئۆزۈمنىڭ ئەينى ئاۋازىمنى چىقارمىساملا ئۇنىڭغا ئوخشاش سايرىغۇدەكمەن.
ئۇ خۇشال ھالدا يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە بىر ئۆردەك ئۇچراپتۇ. كەكلىك بالىسى ئۆردەكنىڭ مېڭىشىغا زوقمەنلىك بىلەن قاراپ: پاھ، بۇ مېڭىش نېمىدېگەن كۆركەم - ھە! شۇ قەدەر مەردانە، شۇ قەدەر سالماق. مېنىڭ مېڭىشىم خەقنىڭ زوقىنى قوزغىمايدۇ، دەپ ئويلاپتۇ. ئۆردەك كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مېڭىشىنى دوراپ مېڭىشقا باشلاپتۇ. بىر چاغدا قارىغۇدەك بولسا خېلىلا ئوخشاش بولۇپ قالغاندەك. ئۇ مەمنۇن بولۇپ: پەقەت ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدىكى مېڭىشىمغا ئوخشاش بولۇپ قالمىسىلا مەسىلە چىقمىغۇدەك، - دەپتۇ.
ئۇ سېرىق قۇشقاچچە سايراپ، ئۆردەكچە مېڭىپ كېتىۋاتسا، بىر ھۆپۈپ ئۇچراپ قاپتۇ. ئۇ كەكلىككە ناھايىتى كۆركەم ۋە سۇمباتلىق كۆرۈنۈپتۇ.
مەنمۇ بۇ جانىۋاردەك چىرايلىق بولۇپ قالسام نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى - ھە! - دەپتۇ ئۇ ھۆپۈپكە تويماي قاراپ ۋە ئۆز تۇرقىغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقىپتۇ. ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قانات - پەيلىرى بەكمۇ كۆرۈمسىز بولۇپ كۆرۈنۈپتۇ.
بىر ئامال قىلسام، بەلكى چىرايلىق بولۇپ قالارمەن، - دەپ ئويلاپتۇ كەكلىك بالىسى، - ئامال قىلىۋىدىم، ئاۋازىم يېقىملىق، مېڭىشىم مەردانە، سالماق بولدىغۇ. ئەمدى مۇشۇ پەيلىرىمنى ئۆزگەرتسەملا بايىقى جانىۋاردەك بولۇپ قالمامدىمەن.
كەكلىك بالىسى قاناتلىرىنى قېقىپ دەرەخ - تاشلارغا ئۇرغىلى باشلاپتۇ. ئۇنىڭ پەيلىرى چۈشۈپتۇ. ئۇ يەنە قانائەت قىلماي ئاغرىققا چىداپ، تۇمشۇقىنى بەدىنىنىڭ قەيىرىگە يەتكۈزەلىسە، شۇ يەرنىڭ تۈك ۋە پەيلىرىنى چىشلەپ يۇلۇپتۇ، بىر چاغدا ئۇنىڭ قىپقىزىل ئېتى كۆرۈنۈپ قاپتۇ. پەي - تۈكى چۈشمىگەن يەرلىرى ئىلگىرىكىدەك تۇرۇپتۇ - دە، كەكلىك بالىسى تولىمۇ غەلىتە تۈسكە كىرىپ قاپتۇ، لېكىن ئۇ خۇشاللىنىپ: مانا ئەمدى باشقىلار مېنى كۆرسە چوقۇم رەڭدار كىيىملىك چىرايلىق جانىۋار ئىكەن، دېيىشىدۇ. مەن نېمىدېگەن ئەقىللىق - ھە! - دەپ قاقاقلاپ كۈلۈپتۇ.
ئۆزىنىڭ >قالتىس< بولۇپ كەتكەنلىكىگە خۇش بولغان كەكلىك بالىسى ھەممە جانىۋارلار توپلانغان قايناق بىر بازارغا كېلىپ قاپتۇ. بۇ يەردە سېرىق قۇشقاچ، ئۆردەك ۋە ھۆپۈپلەرمۇ بار ئىكەن. ئۇ ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا مېڭىپتۇ. جانىۋارلارنىڭ بەزىلىرى ھەيران بولۇشۇپتۇ، بەزىلىرى كۈلۈشۈپتۇ، يەنە بەزىلىرى ئۇنىڭدىن يىرگىنىپتۇ، لېكىن ئۇ: ھەممىسى ھەيران قالدى، ئەمدى ئۆز توپۇمنى بىر ھەيران قالدۇرىۋېتەي، دەپ ئويلاپتۇ - دە، قايناق بازاردىن چىقىپ قاناتلىرىنى يېيىپ تاغقا قاراپ ئۇچۇپتۇ، لېكىن پەيلىرىنىڭ تايىنى قالمىغاچقا، ياخشى ئۇچالماي پالاقشىپ، مىڭبىر جاپادا تاغقا يېتىپ كەپتۇ.
خېلىدىن بېرى ئۇچۇشىغا قارىشىپ تۇرغان كەكلىكلەر، ئۇ قونۇشى بىلەن غودۇرىشىپ كېتىپتۇ، چۈنكى ئۇلار كەكلىك بالىسىنى تونۇمىغانىكەن. كەكلىك بالىسى سولتەك قاناتلىرىنى بىر كېرىپ، بىر يىغىپ، ئۆردەكچە مېڭىپ، سېرىق قۇشقاچچە ۋىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دەپتۇ، لېكىن كەكلىكلەر ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى زادىلا بىلەلمەپتۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئۆز بەستىگە ياراشمىغان غەلىتە قىلىقلىرىنى مازاق قىلىشىپتۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاڭلىتىپ تۇرۇپ ئۇنى ھاقارەتلەپتۇ.
بىر چاغدا، شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ، كەكلىك بالىسى ئالدىراپ ئۆز ئۆيىنىڭ ئىشىكى تۈۋىگە كەپتۇ، لېكىن ئاتا - ئانىسى ئۇنى كىرگۈزمەي، ئىشىكنى تاقىۋاپتۇ. تۈك - پەيلىرىنى يۇلۇۋەتكەچكە، توڭلاپ دىرىلداپ تىترەپ كېتىپتۇ: ئەسلىدىكى تۇرقۇم بولغان بولسا، بۇ ھالغا چۈشمەيتتىم، - دەپتۇ كەكلىك بالىسى ئاھ ئۇرۇپ.
كەكلىك بالىسى ئۆز ئاۋازى بىلەن ئاتا - ئانىسىنى چاقىرىپتۇ ۋە يىغلاپ تۇرۇپ ھەممە ئەھۋالنى سۆزلەپتۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇنى تونۇپتۇ ۋە ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ.
كەكلىك بالىسى بېشىدىن ئۆتكەن بۇ سەرگۈزەشتىلەردىن قاتتىق ساۋاق ئاپتۇ ۋە پەي - تۈكلىرى ئۆسكىچە ئۆيدىن چىقماي ئولتۇرۇپتۇ.