پور سۆگەت
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
دەريا بويىدا ئىككى تۈپ سۈگەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى قېرى، بىرى ياش ئىكەن. قېرى سۆگەت كىچىك پېئىللىق بىلەن بېشىنى ئېگىپ، شاخلىرىنى يېيىپ تۇرىدىكەن، بىراق ياش سۆگەت ئۆزىنى: تەكشى ھەم چىرايلىق ئۆستۈم، يوپۇرماق ۋە شاخلىرىممۇ قېرى سۆگەتكە قارىغاندا گۈزەل، دەپ ئويلايدىكەن.
بىر كۈنى ياش سۆگەت:
- سەن نېمىشقا دائىم بېشىڭنى ئېگىپ تۇرىسەن؟ ماڭا قارىغىنا، مەن ئېچىلىپ - يېيىلىپ كەتتىم. ئۆي، ئادەم دېگەنلەرنى كۆزۈمگىمۇ ئىلمايمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ چىرايلىق قامىتىمنىڭ تېگىدە قالدى! مېنىڭ ئېگىز ھەم چىرايلىق ئۆسكەنلىكىمنى ماختىمايدىغان كىم بار؟ - دەپ قېرى سۆگەتنىڭ ئالدىدا مەمەدانلىق قىپتۇ.
قېرى سۆگەت ئۇنىڭغا كۆيۈنگەن ھالدا:
- مەن سېنىڭ ئېگىز ۋە چىرايلىق ئۆسكەنلىكىڭنى بىلىمەن، بىراق ئىچىڭنىڭ پورلىشىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتىمەن، - دەپتۇ.
ياش سۆگەت قېرى سۆگەتنىڭ سەمىمىي نەسھىتىگە قۇلاقمۇ سالماستىن، يەنىلا گېدىيىپ ئۆزىنى كۆز - كۆز قىپتۇ.
كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ياش سۆگەت قوبۇل قىلغان ئوزۇقلۇقىنى تېشىغىلا سەرپ قىلغانلىقتىن، ئىچى پور بولۇپ قاپتۇ. ئۇزاق ئۆتمەي سۆگەتنىڭ ئېگىسى ئۇنى كەسمەكچى بوپتۇ. قارىسا، ئۇنىڭ ئىچى پور ئىكەن. ئۇ ئېچىنغان ھالدا:
- مەن سېنى لىم قىلارمەن دېۋىدىم، لېكىن ھازىر ئوتۇندىن باشقا نەرسىگە يارىمىغۇدەكسەن، - دەپتۇ، ئاندىن قېرى سۆگەتكە قاراپ:
- يەنىلا سەن ياراملىق بىر ماتېرىيال بولغۇدەكسەن، - دەپتۇ.