ھەسەل ھەرىلىرى بىلەن داۋۇت
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ھويلىغا ساندۇقچىلار قاتار قويۇلغان بولۇپ، ئەتىيازدىن كۈز پەسلىگىچە ھەسەل ھەرىلىرى تىنم تاپماستىن ئۇچۇشۇپ تاغ گۈللىرىدىن، چىلان چېچەكلىرىدىن، ئاپتاپپەرەس گۈللىرىدىن شىرنىلەر ئەكىلىشەتتى.
- ئەي، چىرايلىق ھەسەل ھەرىلىرى، نېمانچە جىددىي ئىشلەيسىلەر، بىردەم ئارام ئېلىپ، مەن بىلەن ئوينىساڭلارچۇ، - دېدى داۋۇت بىر كۈنى قولىدىكى ھەسەل يۇقى پىيالىنى يالاۋېتىپ.
- بىز ئارام ئېلىپ ئوينىساق، ھەسەلنى كىم يىغىدۇ؟ - دېدى ھەسەل ھەرىلىرى.
داۋۇت ھەسەل ھەرىلىرىنى ئارام ئېلىپ ئوينىۋالسۇن دەپ ئويلاپ، ساندۇقچىلارنىڭ ئاغزىنى مەھكەم يېپىپ بېكىتىپ قويدى.
ھەسەل ھەرىلىرى ساندۇق ئىچىگە كىرەلمىدى ۋە ھەسەلمۇ يىغالمىدى. داۋۇتنىڭ ياقتۇرىدىغىنى نانغا ھەسەل سۈركەپ يېيىش ئىدى. ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپلا داۋۇت قولىدىكى بىر پارچە نانغا ھەسەل سۈركىمەكچى بولۇپ، ساندۇقنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە:
- سۆيۈملۈك ھەسەل ھەرىلىرى، ماڭا ھەسەلدىن بىر ئاز بەرسەڭلارچۇ؟ - دېدى.
- بۈگۈن ساڭا ھەسەل يوق! - دېدى ھەسەل ھەرىلىرى.
- نېمە ئۈچۈن؟ - دەپ سورىدى ھەيران بولۇپ داۋۇت.
- ئىشلىگەن چىشلەيدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىشتى ھەسەل ھەرىلىرى، - بىز سېنىڭ كاساپىتىڭدىن تۈنۈگۈن ھەسەل يىغالمىدۇق، سەنمۇ تۈنۈگۈن تاپشۇرۇق ئىشلىمەي ئوينىدىڭ.
- داۋۇت ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى چۈشىنىپ، ھەسەل ھەرىلىرىدىن ئەپۇ سورىدى:
- مېنى كەچۈرۈڭلار ھەرىلەر، - دېدى ئۇ سەمىمىي ھالدا، - بۇنىڭدىن كېيىن سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا توسالغۇ بولمايمەن، مەنمۇ خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا تېنىم تاپماستىن تىرىشىپ ئىشلەيمەن، قەيسەرلىك بىلەن ئۆگىنىمەن، ئەلاچى بولۇپ ئوقۇيمەن، خەلق ھەم ۋەتەنگە ئۆز ئەجرىمدىن مول تۆھپىلەرنى قالدۇرىمەن!