UyghurWiki
UyghurWikiماسالقاغا بىلەن تۈلكە

قاغا بىلەن تۈلكە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قاغا بىر تۈلكە كۈچۈكىنىڭ كۆزىنى چوقۇلاپ چىقىرىۋەتكەنىدى. بۇ ئىش تۈلكىنى قاتتىق قايغۇغا سالدى. تۈلكە قاغىدىن ئۆچ ئالماقچى بولۇپ، ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىر تاپتى. تۈلكە قاغىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، يەرگە سۇنايلىنىپ يېتىۋالدى. قاغا ئۇنى ئۆلۈپ قاپتۇ دەپ ھېسابلاپ، يېنىغا قوندى - دە، تۈلكىنىڭ ساڭگىلاپ تۇرغان تىلىنى چوقۇلىماقچى بولدىيۇ، لېكىن قورقتى. ئاۋۋال تۈلكىنىڭ قۇيرۇقىنى چوقۇلاپ قاچتى، تۈلكە مىدىر - سىدىر قىلمىدى. قاغا تۈلكىنىڭ كۆزىنى چوقۇلىماقچى بولۇپ، ئالدىغا كېلىشىگە تۈلكە چاچراپ قوپۇپ ئۇنى تۇتۇۋالدى. يۈرىكىدە غەزەپ قاينىغان تۈلكە: - قاغا، مېنىڭ بالامنىڭ كۆزىنى قۇيۇۋەتتىڭ، ئەمدى سېنى قىيما - چىيما قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، - دېدى. - تۈلكە بۇرادەر، مېنى قانداق ئۆلتۈرسەڭ ئۆلتۈر، لېكىن دېڭىزغا تاشلىما، ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە، سۇدىن بەك قورقىمەن، - دەپ قاغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى. - ھەببەللى، - دېدى تۈلكە خۇشال بولۇپ، مېنىڭ تىلىكىممۇ شۇ ئىدى، سېنى دېڭىزغا تاشلايمەن، - دە، كۆڭلۈمگە ئارام بېرىمەن. تۈلكە يۈگۈرە - يۈگۈرە، قاغىنى دېڭىز بويىغا ئەكەلدى ۋە ئېگىز بىر تاغ چوققىسىغا چىقتى. - تۆۋە قىلدىم، قېرىندىشىم تۈلكە، ساڭا قۇللۇق، مېنى سۇغا تاشلىمىغىن! - دەپ قاغا يەنە يالۋۇرۇشقا باشلىدى. تۈلكە قاغىنىڭ يالۋۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، ئۇنى بېشىدىن ئاشۇرۇپ قىيادىن تاشلىدى. >قاق - قاق< قىلىپ قاغا قاقىلداپ ئۇچتى - دە، ئۇدۇلدىكى قىياغا بېرىپ قوندى. تۈلكە پۇشايمان قىلىپ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى - دە: - ھىم... قاغا مېنىڭدىنمۇ ھىيلىگەر ئىكەن، - دېدى ئۆز - ئۆزىگە.
← بارلىق تېمىلار ماسال