يىڭناغۇچ بىلەن چۈمۈلە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كەچ كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، بىر - نەچچە چۈمۈلە يېزىنچە يىغقان ئۇرۇقلىرىنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇشقا باشلاپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر يىڭناغۇچ كېلىپ:
- دوستلىرىم، ياخشىمۇ سىلەر؟ سىلەرنىڭ ئوزۇقلىرىڭلار نېمىدېگەن جىق، ماڭا ئازراق بەرسەڭلارچۇ؟ - دەپتۇ.
- خۇش، ياز كۈنلىرى ئۆزۈڭ قەيەرلەردە يۈردۈڭ، نېمىشقا قىشلىق - تۈلۈكۈڭنى تەييارلىۋالمىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ چۈمۈلىلەر.
- زادى چولام تەگمىدى، يېزىچە گۈللەرنىڭ ئارىسىدا ئويناپ يۈردۈم، - دەپتۇ يىڭناغۇچ.
- ھە، شۇنداقمۇ؟ ياخشى، دوستۇم، ئۇنداق بولسا، بىزدىن رەنجىمە، يازنى ئويناپ ئۆتكۈزگەن بولساڭ، قىشنىمۇ ئويۇن - كۈلكە بىلەن ئۆتكۈز، - دەپ كۈلۈشۈپتۇ چۈمۈلىلەر.