UyghurWiki
UyghurWikiماسالقاپاق تېرەك بىلەن ئۈجمە

قاپاق تېرەك بىلەن ئۈجمە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى گۈزەل باھار پەسلى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بىر تۈپ قاپاق تېرەك كۆرەڭلىگەن ھالدا يېنىدىكى ئۈجمە دەرىخىدىن: - سېنىڭ، - دەپتۇ ئۈجمە كەڭ قورساقلىق بىلەن، - ماڭا قارىغاندا بوي - تۇرقۇڭ ئېگىز، - قىياپىتىڭ يارىشىملىق، شاخ - يوپۇرمىقىڭ قويۇق، تاشلىغان سايەڭنىڭ دائىرىسى كەڭ، بۇ جەھەتتە سەن مەندىن ياخشى، ئەمما مېۋە چىقىرىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش جەھەتتىن سېلىشتۇرغاندا، مەن سەندىن ئەۋزەل تۇرىمەن، دېمەك، ھەر قايسىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تۇشلۇق ئەۋزەللىكىمىز بار. قاپاق تېرەك ئۈجمىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئاھانەت ھېس قىپتۇ - دە، تېرىكىپ، ئۈجمىنى ئەيىبلەپ سۆزلەپ كېتىپتۇ. - تولا قايناپ كەتمە، ئاغىنە، - دەپتۇ ئۈجمە ئېغىر - بېسىقلىق بىلەن قاپاق تېرەككە قاراپ، - ياخشى - يامان دەپ ئاتىلىشنى ئۆزى بېكىتىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس! ئۇنى ئاممىنىڭ رايى بەلگىلەيدۇ، ئىشەنمىسەڭ، كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ باق. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپ، بۇ يەرگە مەكتەپتىن يانغان بىر قانچە ئوقۇغۇچى يېتىپ كەپتۇ. ئۇلار ئىگىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۈجمە دەرىخىگە چىقىپ، پىشىپ ۋايىگە يەتكەن ئۈجمىلەرنى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلاپتۇ. ئۇلار ئۈجمە يەۋېتىپ، ئۈجمە دەرىخىنىڭ سېخىيلىقىنى، مېۋىسىنىڭ شىرنىلىكلىكىنى ماختاپ، ئۇنى تىككۈچى كىشىگە مەدھىيە سۆزلىرىنى ئېيتىشىپتۇ، ئەمما ھېچكىم قاپاق تېرەك توغرۇلۇق بىر ئېغىز سۆز ئاچماپتۇ، ھەتتا قاراپمۇ قويماپتۇ. قاپاق تېرەك بالىلارنىڭ ئۈجمە ھەققىدىكى ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئىزا تارتىپتۇ ۋە ئۈجمىنىڭ ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي مۇئامىلىسىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىدىغان بوپتۇ. \@
← بارلىق تېمىلار ماسال
قاپاق تېرەك بىلەن ئۈجمە | UyghurWiki | UyghurWiki