UyghurWiki
UyghurWikiماسالشاخ بىلەن يوپۇرماق

شاخ بىلەن يوپۇرماق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئاياغلىشىپ يېشىل ياز، كەلدى يۇرتقا پەسلى كۈز. ئالما شېخى ئالتۇن رەڭ، ياپرىقىغا قىلدى سۆز: - دوستۇم ياپراق سەن ئىدىڭ، ئەڭ ۋاپادار ھەمراھىم. خۇرسەن ئىدىم، گۈزەلتىم، سېنىڭ بىلەن ھەر دائىم. تۇرغىنىڭچۈن يېنىمدا، كۆڭلۈم شۇنچە توق ئىدى. بوران، يامغۇر، ئاپتاپتىن، ھېچ پەرۋايىم يوق ئىدى. ياشاپ ئىناق ئىككىمىز، باھار، يازنى ئۆتكۈزدۇق. ئىنسانلارغا تېگىشلىك، پايدىمىزنى يەتكۈزدۇق. سەن تەبىئەت رەڭگىنى، قىلىپ كەلدىڭ زىننەتلىك. مەن ھاياتقا خېلى مول، مېۋە بەردىم لەززەتلىك. ئەپسۇس، سېنىڭ ھاياتىڭ، بارماس ئەمدى ئۇزاققا. سەنسىز قانداق چىدايمەن، يالغۇزچىلىق ئازاپقا. بېرىپ شاخقا تەسەللى، دېدى ياپراق شىۋىرلاپ: - غەم يېمىگىن بىھۇدە، شاد كۆڭلۈڭنى ئازابلاپ. ئايرىلارمەن دەرۋەقە، ئەي قەدىردان سېنىڭدىن. دىل رىشتىمنى ئۈزمەيمەن، يەنىلا مەن سېنىڭدىن. سۆيسەم چۈشۈپ زېمىننى، ئۇزاق قالماي چىرەرمەن. غول ۋە ساڭا تۈگىمەس، ئوزۇق، قۇۋۋەت بېرەرمەن. كەلسە كۆڭلۈم سەن يېڭى، ياپراقلارغا تولارسەن. گۈزەل يارنى مېۋەڭنىڭ، ھىدلىرىغا ئورارسەن. ئەجەل ۋەھىمى پەخرىمنى، يوق قىلالماس كۆڭلۈمدىن. بەك رازىمەن سەن بىلەن، ئۆتكەن ئاددىي ئۆمرۈمدىن. × × ياپراق يەرگە پىرىلداپ، ئاجراپ چۈشتى بەرگىدىن. يېپىشىپ چىڭ، زېمىننى - سۆيدى قىزغىن قەلبىدىن.
← بارلىق تېمىلار ماسال
شاخ بىلەن يوپۇرماق | UyghurWiki | UyghurWiki