UyghurWiki
UyghurWikiماسالدۈشە بىلەن پىچاق

دۈشە بىلەن پىچاق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى دۈشە ئۈستىدىكى سۆڭەكنى چاناش ئۈچۈن زەردە بىلەن ئۇرۇلغان پىچاق دۈشىنىڭ يۈزىنى بىر نەچچە يەردىن كېسىۋەتتى. بۇنىڭغا تاقەت قىلالمىغان دۈشە: - ئەي پىچاق، سەندە قىلچە رەھىمدىللىك يوق ئىكەن. مېنىڭ شۇنچە چىرايلىق يۈزۈمنى بىردەمدىلا يېغىر قىلىۋەتتىڭا؟ - ئەي، - ھاماقەت دۈشە، - دېدى پىچاق، - تېخى سەن دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى پەقەتلا چۈشەنمەپسەن. مېنىڭ شۇنداق زەردە بىلەن ئۇرۇلۇشۇمدا ئالاھىدە رول ئويناۋاتقان سېپىم ئۆتكەن كۈنى سېنىڭ بىر تال شېخىڭدىن كېسىلگەن ئەمەسمۇ؟ دۈشە پىچاقنىڭ سېپىغا بىچارىلەرچە قاراپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال