ھۈنەرۋەن ئاسلان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئاسلان بىر كۈن ئويلىدى،
چوڭ ھۈنەرۋەن بولماقنى.
جابدۇق ياساپ بازارلىق،
پۇل - بىساتقا تولماقنى.
ئۇستاز تۇتتى مۈشۈكنى،
شۇ مەقسەتتە ئاسلان تېز.
ماقۇل بولدى مۈشۈكباي،
دېدى: - ئىشقا چۈشۈڭ سىز.
تۇتۇڭ مۇنۇ ھەرىنى،
ھەرىلەڭ مەن ئېيتقاندەك.
ھۈنىرىنى ئۆگەتتى،
قۇلىقىغا قۇيغاندەك.
شۇ ھالەتتە ئاسلانجان،
راسا تۆت كۈن ئۆگەندى.
كەكە، رەندە، ئامبۇرنى،
تۇتتى بىر - بىر ... تۈگەتتى.
بەشىنچى كۈن ئولتۇرۇپ،
ئاسلان شۇنداق ئويلىدى:
ئۇستا بولدۇم، دۇكاننى -
ئايرىمىسام بولمىدى.
مۈشۈك بىلگەن ھۈنەرنىڭ،
ئىگىلىدىم سىرىنى.
چۈنكى تۈگەل ئىشلەتتىم،
ھەرە، كەكە... بەرىنى.
ھە دېگەندە ئېيتالماي،
ئۇستىسىغا گېپىنى.
ئىككى كۈننى ئۆتكۈزدى،
پايلاپ پاراڭ ئېپىنى.
ئۈچىنچى كۈن سەھەردە،
چىدالمىدى ئاسلانجان.
مۈشۈك ئاڭلاپ مەقسەتنى،
كۈلۈپ كەتتى شۇ ھامان.
دېدى: - ئىنىم ئاسلانجان،
ئالدىرىماڭ ئوقەتكە.
ئىگىلەشتە ھۈنەرنى،
ئۆگىنىڭ سىز تاقەتكە.
مەنمۇ ئاسلان چېغىمدا،
ئۇستام ئىدى شۇ مۈشۈك.
بىر يىل ھۈنەر ئۆگىنىپ،
ياسىغانمەن بىر بۆشۈك...
ئاسلان ئاڭلاپ بۇ گەپنى،
ياراتمىدى ئىچىدە.
ئويلىدى ئۇ: مۈشۈكباي،
شۇ دەم ھەسەت ئىلكىدە.
شۇنداق قىلىپ زورمۇزور،
ئالدى ئاسلان ئىجازەت.
ئېچىپ ئايرىم دۇكاننى،
باشلىۋەتتى >تىجارەت<.
ماڭلىيىغا دۇكاننىڭ،
ئاستى يوغان ئېلاننى -
>ئىش - كۈش بولسا خالايىق،
ئەمدى ئىزدەڭ ئاسلاننى!<
ئەتىسىلا كېپقالدى،
توخۇبايدىن بىر خەۋەر.
تۇنجى زاكاز ئالغاچقا،
ئاسلان خۇشال شۇ قەدەر.
توخۇبايغا لازىممىش،
تۆت تال ئېسىل ئورۇندۇق.
ئاسلان دېدى ئالدىراپ:
- ياسايمەنغۇ تاقۇر - تۇق.
شۇ خىيالدا بىر پەننى،
ئالدى >ئۇستام< قولىغا.
بىر پەسكىچە قارىدى،
پەننىڭ ئېنى - بويىغا...
پەننىڭ قىيسىق - تۈزىنى،
ئالدىرىمىدى جۆندەشكە.
>ئاۋۋال مىخلاپ چىقايمۇ،
ئۈلگۈرمەيدۇ يەملەشكە...<
يوغان مىخنى قاققانتى،
پەن يېرىلدى قاراسلاپ.
نابوت بولدى جىمى پەن،
قالدى ئاسلان باش قاشلاپ.
شۇ ھالەتتە دۇكانغا،
كىرىپ كەلدى مۈشۈكباي.
كۆرۈپ بولغان ئەھۋالنى،
- ياساڭ، - دېدى چاندۇرماي.
شۇندا ئاسلان قىزاردى،
پەمى يېتىپ تەنىگە.
پۇشايماندا چۈشەندى،
تەنىدىكى مەنىگە...