UyghurWiki
UyghurWikiماسالبىنا بىلەن تۇپراق

بىنا بىلەن تۇپراق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر ئېگىز بىنا، بىر كۈنى تۇپراققا قاراپ: - ئەي تۇپراق، كىشىلەر ساڭا بارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى تۆكۈپ، يۈزۈڭنى بۇلغىغاننىڭ سىرتىدا، يەنە كۈن بويى ئۈستۈڭگە دەسسەپ يۈرۈپ ساڭا بىردەممۇ ئارام بەرمەيدۇ. مېنىڭ كۆككە تاقاشقان قامىتىمگە ھەۋەس بىلەن قارىشىپ، مېنى ماختايدۇ، مەندىن پەخىرلىنىدۇ، - دەپ كۆرەڭلەپتۇ. بۇ سۆز تۇپراقنىڭ كۆڭلىگە سەل تېگىپتۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئېغىر - بېسىق مىجەزىنى بۇزماي: - ئەي بىنا، سېنىڭ بۇ كېلىشكەن قامىتىڭ پۈتۈنلەي مېنىڭ جىسمىمدىن پۈتكەن، سەن بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭ كېرەك، شۇڭا مېنىڭ ئالدىمدا ئانچە كۆرەڭلەپ كەتمە! - دەپتۇ. - ئەي تۇپراق! - دەپتۇ بىنا تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەن ھالدا، - مۇشۇ سائەتنىڭ ئۆزىدە ئۆزۈڭنىڭ مەندىن قانچىلىك پەستە تۇرۇۋاتقانلىقىڭنى ئېتىراپ قىلماي، يەنە نېمە دېمەكچىسەن! ئەسلىنى ئۇنتۇغان بىنانىڭ بۇ سۆزىگە ئاچچىقى كەلگەن تۇپراق ئىختىيارسىز تەۋەپ كېتىپتۇ. كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئارىلىقتا بۇ ئېگىز بىنا ئۆرۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بىنا بىلەن تۇپراق | UyghurWiki | UyghurWiki