ئاپېلىسىن بىلەن ئالما
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
قىزچاق ئاپېلىسىننىڭ پوستىنى ئاجرىتىۋىدى، ئىچىدىن تىلىم - تىلىم ئاپېلىسىن دانىلىرى چىقتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن:
- ئاپېلىسىن، سەن نېمە ئۈچۈن بۇنداق تىلىم - تىلىم بولۇپ كەتتىڭ؟ - دەپ سورىدى.
- سېنىڭ مېنى كۆپچىلىك بىلەن بىللە بۆلۈپ يېيىشىڭ ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق تىلىم - تىلىم بولۇپ يارالغانمەن، - دەپ جاۋاب بەردى ئاپېلىسىن.
قىزچاق ئالمىدىن:
- ئەي ئالما، سەن نېمە ئۈچۈن تىلىم - تىلىم بولماي، پۈتۈن بولۇپ قالغان؟ پەقەت مېنىڭ سېنى يالغۇز يېيىشىم ئۈچۈن مۇشۇنداق يارالغانمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ياق! - دېدى ئالما جاۋاب بېرىپ، - مېنى باشقىلارغا پۈتۈن پېتى تەقدىم قىلسۇن دەپ، مۇشۇنداق پۈتۈن يارالغانمەن.