UyghurWiki
UyghurWikiماساليوپۇرماق بىلەن چېكەتكە

يوپۇرماق بىلەن چېكەتكە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شامال چىقتى تۇيۇقسىز، بوران بولۇپ كۈچىيىپ، چىمەنلىكتە چېكەتكە. يىغلاپ كەتتى ئۈمچىيىپ، كۆكتىن چۈشتى يالتىراپ، شىددەت بىلەن بىر چاقماق. چېكەتكىنىڭ يېنىدا، شىلدىرلىدى يوپۇرماق. كۆرۈپ ئۇنى چېكەتكە، ئايلاندى بىر >تۈلكە< گە. نەشتىرىنى يوشۇرۇپ، ئالماشتۇردى كۈلكىگە. چىرىلدىدى چېكەتكە، يوپۇرماققا يالۋۇرۇپ. قۇتۇلدۇرغىن مېنى دەپ، سۆزلىدى ئۇ ئاھ ئۇرۇپ. ئىچ ئاغرىتتى ئۇنىڭغا، دىلى يۇمشاق يوپۇرماق. بوران بىلەن يامغۇردىن، بولدى ئۇنى يوشۇرماق. چېكەتكىنى چاقىرىپ، ياپتى ئاڭا ئۆزىنى. تاڭ ئاتقۇچە چېكەتكە، چىقارمىدى ئۈنىنى. بوران، يامغۇر توختىدى، تاڭمۇ ئاتتى، كۈن چىقتى. يوپۇرماققا چەكچەيگەن، چېكەتكىدىن ئۈن چىقتى: - كېچە قارنىم ئاچ ئىدى، كۆزلىرىممۇ ياش ئىدى. بىلمەيتتىڭمۇ ئەزەلدىن، مېنىڭ باغرىم تاش ئىدى. شۇم چېكەتكە ئاغزىغا، كەلگەن گەپنى دەۋەردى. يوپۇرماقى ئەيمەنمەي، بىر چېتىدىن يەۋەردى. زارلاپ كەتتى يوپۇرماق، چىدىماي بۇ ئەلەمگە. ئەمدى يەتتى كېچىكى، كۈلكىلەرنىڭ تەكتىگە. يوپۇرماقنىڭ زارىدىن، پۇتۈن ئورمان ياڭرىدى. ئورماننىڭ بىر باتۇرى، تۆمۈر تۇمشۇق ئاڭلىدى. ئوقتەك ئۇچۇپ چۈشۈپ ئۇ، چېكەتكىنى چوقۇدى. ئۇنىڭ يۈزسىز ئىشىغا، كۈرمىڭ لەنەت ئوقۇدى. يوپۇرماقنى شۇندا ئۇ، نەسىھەت قىپ نوقۇدى. ھەممىسىگە ئاڭلىتىپ، مۇنداق تەمسىل توقۇدى: - ۋاپا قىلساڭ دۈشمەنگە، جاپا قىلار ئۆزۈڭگە. بىخۇد بولساڭ ئەگەردە، توپا چاچار كۆزۈڭگە.
← بارلىق تېمىلار ماسال