قارلىغاچ بالىلىرى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئىككى قارلىغاچ بالىسى لاپاس ئاستىدىكى ئۇۋىسىدا ئانىسى ئەكەلگەن پاشا، چىۋىنلارنى يەپ قانات - قۇيرۇق چىقىرىپ، ئۇچۇرۇم بولۇشقا باشلاپتۇ. كىچىكى ئۇيان - بۇيان ئۇچۇپ ئۆزىمۇ ئاز - تولا پاشا تۇتۇپ يەيدىغان بوپتۇ. چوڭى بولسا ھورۇنلۇق قىلىپ قوزغالماي ئۇۋىسىدا يېتىۋېرىپتۇ. كىچىكى ئۇنىڭغا:
- ئاكا، ئەمدى بىزمۇ ئاز - تولا ھەرىكەتلىنەيلى، ئانام بەك چارچاپ كەتتى، - دەپتۇ.
- ياق، يەيدىغاننى ئانام ئەكىلىپ بېرىدۇ، - دەپتۇ چوڭى.
كۈنلەر ئۆتۈپ قارلىغاچلارنىڭ ئانىسى ئاغرىپ قاپتۇ. بۇ چاغدا كىچىكى پاشا، چىۋىن تۇتۇپ كېلىپ ئانىسى ۋە ئاكىسىنى بېقىپتۇ، ئۇ ئاكىسىغا يەنە:
- ئاكا، ئانام كۆپ چېكىپ ئاغرىپ قالدى، ئەمدى ئۆزۈڭ ئۇچۇپ يۈرۈپ قورسىقىڭنى تويدۇرغىن، - دەپتۇ.
- ياق، ئانام ساقايغاندا ئەكىلىپ بېرىدۇ، - دەپتۇ ئاكىسى مىدىرلىماي يېتىپ.
ئانىسىمۇ ساقىيىپ، كۈن - ئايلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن كۈز پەسلى كېلىپ ھاۋا بۇزۇلۇشقا باشلاپتۇ. كىچىك قارلىغاچ ئانىسىدەك پەرۋاز قىلىپ ئۇچالايدىغان بوپتۇ. چوڭى بولسا قوزغالماي يېتىۋېرىپ ئۇچۇشنىمۇ ئۆگىنەلمەپتۇ. مېھنەتچان ئانا - بالا قارلىغاچلار سوغۇق چۈشۈشكە باشلىغاندا، ئىسسىق بولۇۋاتقان تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىپتۇ، ھېلىقى ھۇرۇن قارلىغاچ بالىسى بولسا ئۇۋىسىدا ئاچ قورساق يېتىۋېرىپ قار ياغقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە توڭلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ.