توشقاننىڭ رەسىم سىزىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر تاغنىڭ باغرىدا بىر توپ توشقان ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر ئاق توشقان بولۇپ، ئۇ رەسىم سىزىشقا بەكمۇ ئۇستا ئىكەن. بىر كۈنى بىر ئاق بۆجەن ئاق توشقاندىن رەسىم سىزىشنى ئۆگەنمەكچى بوپتۇ. ئۇ قولىغا قەغەز، قەلەم ئېلىپ خورازنىڭ رەسىمىنى سىزماقچى بوپتۇ - دە، خورازنىڭ باش قىسمىنى سىزىپ قويۇپلا: >بۇنى سىزىش بەك تەس ئىكەن، باشقىسىنى سىزاي< دەپتۇ. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋېلىپ، ئۇچۇۋاتقان كەپتەرنىڭ رەسىمىنى سىزماقچى بوپتۇ.
ئاق بۆجەن كەپتەرنىڭ قانىتىنى سىزىپ قويۇپلا: >بۇنى سىزىش بەك تەس ئىكەن، باشقىنى سىزاي< دەپتۇ. ئۇ ئويلىنا - ئويلىنا، ئاخىر ئالدى تەرەپتىكى كىچىك ئېرىق بويىدا ئۆسكەن بىر تال چىرايلىق گۈلنى كۆرۈپتۇ - دە، ئۇنى سىزماقچى بوپتۇ. ئۇ گۈلنىڭ بىر نەچچە تال يوپۇرمىقىنى سىزىپ قويۇپلا، ئۇنى سىزىشتىن زېرىكىپ: >بۇنى سىزىش قىيىن ئىكەن، باشقىنى سىزاي< دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ھېچ نەرسىنى سىزىپ چىقالماپتۇ.
ئاق توشقان ئاق بۆجەننىڭ چوڭقۇر ئويغا چۆككەن ھالدا قەلەمنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ، سىزغان نەرسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالماي كۈلۈپ كېتىپتۇڭ ۋە:
- شاكىچىك، سەن مۇنداق قىلساڭ ھېچ نەرسىنى ئۆگىنەلمەيسەن، بىر نەرسىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن زېرىكمەستىن كۆڭۈل قويۇپ، جاپاغا چىداپ مەشق قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ماھارەت ئىگىلىۋالغىلى بولىدۇ، - دەپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ ئاق بۆجەن ئۇستازىنىڭ تەلىمى بويىچە زېرىكمەي - تېرىكمەي ئۆگىنىپ ئاخىر ئۇستا رەسسام بولۇپ يېتىشىپتۇ.