بىر پارچە خام خىش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
خىش پىشۇرىدىغان ئىشچى خام خىشلارنى بىر - بىرلەپ خۇمدانغا تىزىپتۇ. بىر پارچە خام خىش ئۆزىنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقۇپ، قورقۇپ تىترەپ كېتىپتۇ. يېنىدىكى خىشلار ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ:
- بۇرادەر، قورقمىغىن، بۇ ناھايىتى تەستە تېپىلىدىغان ياخشى پۇرسەت، بىز بۇ قېتىم چېنىققاندىن كېيىن چوڭ ئىشلارغا يارايمىز، - دەپتۇ.
خام خىش ھەمراھلىرىنىڭ بۇ سۆزىنى قىلچە ياقتۇرماپتۇ. ئۇ ئۇيان قىلىپ، بۇيان قىلىپ، ئاخىر بىر دۆۋە ساماننىڭ ئىچىگە مۆكۈۋاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ خام خىش بۇ قېتىم خۇمداندىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ پىششىق خىشلار قاتارىغا كېلىپ قوشۇلۇۋاپتۇ.
ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىشچىلار بۇ خىشلارنى يۆتكىمەكچى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھېلىقى خام خىشنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، ئۇنى بىر تەرەپكە چۆرۈۋېتىپتۇ، خام خىش ئۆز ھەمراھلىرىنىڭ خۇشال - خۇرام ھالدا ئىش ئورنىغا كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ، ئەمما ئىش ئورنىغا كەلمەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن خام خىش يالغۇز قاپتۇ ۋە يامغۇر ياغقانچە ئۆزگىرىپ، ئاخىر بىر چاڭگال توپىغا ئايلىنىپ قاپتۇ.