UyghurWiki
UyghurWikiماسالقىزىلمۇچ بىلەن تاۋۇز

قىزىلمۇچ بىلەن تاۋۇز

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قىزىلمۇچ تاۋۇزدىن: - مەنمۇ قىزىل، سەنمۇ قىزىل، ئەمما نېمە ئۈچۈن سەن تاتلىق، مەن ئاچچىق؟ بۇنىڭ سەۋەبىنى زادى بىلەلمىدىم، - دەپ سوراپتۇ. - مەندىكى قىزىللىق ئىچىمدە، سەندىكى قىزىللىق تېشىڭغا چىقىپ تۇرىدۇ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ تاۋۇز.
← بارلىق تېمىلار ماسال