پىلە قۇرتى بىلەن ئۆمۈچۈك
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۆمۈچۈك كۆپ ئۆيلەرنىڭ بۇلۇڭىغا -
تور تارتىپ ئۆز غېمىدە قېرىپ قالدى.
بىر ئۆيدە ئۆمرىدەھېچ ئۇچراتمىغان،
ئاجايىپ بىر قۇرتنى كۆرۈپ قالدى.
ئاغزىدىن مەشۇت تۆكۈپ پىلە قۇرتى،
تۆكمەكتە ئىدى غوزا دەل شۇ ۋاقىت.
بۇ يىپەك ماكانىغا ئۆز ئەجرىدىن،
شان - شەرەپ كەلتۈرۈشنى بىلىپ بەخت.
بۇ ئەھۋال ئۆمۈچۈكنى قىلدى ھەيران،
دېدى ئۇ: - ئەي ئەقىلسىز، توختات ئىشىڭ!
نەدە بار ئۆز - ئۆزىنى قىلىش ۋەيران،
ئەقلىڭدىن ئازدىڭمۇ يا، نەچچە بېشىڭ؟!
تور تارتساڭ ماڭا ئوخشاش پايدا كۆزلە،
پايدىسى تەگسۇن ئۇنىڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن.
ئۆزۈڭنى چىرماپ ئۆزۈڭ تارتقان توردا،
قىينايسەن ئۆز جېنىڭنى زادى نېچۈن؟!
غەزەپتە دېدى پىلە ئۆمۈچۈككە:
- ئۆتىدۇ كۈنۈڭ دائىم قوغلىشىپ نەپ.
پۈركىسەك بىز ئالەمنى يىپەكلەرگە،
ئۆتىسەن تورغا چۈشكەن چىۋىننى يەپ.
ئۆمۈچۈك كۆرەڭلىدى ئۆز ئىشىدىن،
دېدى ئۇ: - بىر قۇرتسەن، قېنىڭ كىچىك.
تۇرىدۇ يان - يېنىڭدا ئەجەل ماراپ،
راھەتمۇ كۆرەلمەيسەن مېنىڭچىلىك.
پىلىمۇ بوش كەلمىدى: - مەن سېنىڭدەك،
قاراڭغۇ بۇلۇڭلارغا ئەمەس ئەسىر.
تىرىكلىك دۇنياسىدا يوق قىممىتىڭ،
گەر يەنە ياشىساڭمۇ تالاي ئەسىر.
سۈپۈرگە تەگمىگەن شۇ بۇلۇڭلاردا،
سېنىڭدەك ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى.
ئەل ئۈچۈن مېھنىتىدىن گۈل كەلتۈرۈپ،
بېشىغا ئۆلۈم كەلسە كۆرگەن ياخشى.
پىلىنىڭ سۆزلىرىدىن ئاچچىقىدا،
ئۆمۈچۈك تام ئۈستىدە قېتىپ قالدى.
پىلىچى قىزچاق ئۇنى قالدى كۆرۈپ،
ئەجەلنىڭ مىنۇتلىرى يېتىپ قالدى.
سۈپۈرگە تەگكەن چاغدا باش ئۈستىگە،
ئۆمۈچۈك ئۇ دۇنياغا قىلدى سەپەر.
ھاياتى بەدىلىگە پىلە قۇرتى،
يىپەكلىك ماكاندا قۇچتى زەپەر.