UyghurWiki
UyghurWikiماسالئايچاق بىلەن مايمۇنچاق

ئايچاق بىلەن مايمۇنچاق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى چىقتى ئالتۇن يۇلتۇزلار، كۈن غەربكە پاتقاندا. كۈلۈپ ئوماق ئەگىم ئاي، پەيدا بولدى ئاسماندا. شۇ چاغ ئېگىز چوققىدا، بىر مايمۇنچاق يۈرەتتى. گاھى يۈگۈرۈپ، گاھ توختاپ، شۇنچە خۇشال كۈلەتتى. كۆككە باقتى، كۆردى ئۇ، ئورغاقچىلىك ئايچاقنى. چۈشتى بىردىن يادىغا، مىنگەن چېغى تايچاقنى. دېڭىزدىكى قولۋاقتەك، لەرزان ئۈزۈپ توختىماي؛ چولپان بىلەن ياندىشىپ، چاپماقتىدى ئەگىم ئاي. تاغ ئۈستىدە قارىغاي، تۇرار ئىدى كۆك تىرەپ. مايمۇن ئېگىز بىرىگە، چىقتى، پۇرسەت كەلدى دەپ. ئايغا مىنىپ ئويناشقا، ئاشتى ئۇنىڭ ھەۋىسى. شاخلار بولۇپ كۆرۈندى، خۇددى ئاينىڭ پەللىسى. - ئەگىم ئايچاق، ئايچىقىم، بىر پەسكىنە توختاپ تۇر. مىنىۋالاي ئۈستۈڭگە، قىمىرلىماي ئۇخلاپ تۇر. مىنىۋېلىپ مەن سېنى، ئوينىۋالاي چاپتۇرۇپ. ناخشا ئېيتاي قانغۇچە، خەقنى ھەيران قالدۇرۇپ. كۈلۈپ كەتتى ئەگىم ئاي، مايمۇنچاقنىڭ سۆزىدىن. )شۇنداق قاتتىق كۈلدىكى، ياشمۇ چىقتى كۆزىدىن(. -) مىنەي دېسەڭ، مەرھەمەت، كەلگىن چاپسان مايمۇنچاق. مەن توختاشنى بىلمەيمەن، قىلما ماڭا كۆپ چاقچاق. ماڭا چىققان ئادەملەر، مىنگەن ئەمەس توختىتىپ. ماختانچاقنى مەن ھەرگىز، كېلەلمەيمەن ئوينىتىپ. - نە ھالىڭ گىدەيدىڭ، ئەي قىزغانچۇق، ئەي ئورۇق؛ توختا دېدىم، توختايسەن! باشقا گەپكە چولام يوق! ئايچاق ئۈزەر مايمۇننىڭ، پىسەنت قىلماي گېپىگە. ئاچچىقىدا مايمۇنچاق، چىقتى شاخنىڭ چېكىگە. - ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنتۇپسەن، ھېچ بىلمىدىم ئېيتمىسام. بىر چاغ سېنى بوۋاملار، قۇتقۇزغانمىش ئاڭلىسام. ئۇلار تارتىپ چىقمىسا، يەر ئاستىغا پاتاتتىڭ. چوڭقۇر قۇدۇق ئاستىدا، داتلاپ مەڭگۈ ياتاتتىڭ. مايمۇنچاقنىڭ گېپىدىن، ئاي توختىماي كۈلەتتى. زاڭلىق قىلىپ مايمۇننى، ئۆز يولىدا ئۈزەتتى. - توختا! دېسەم ئۇقمىدىڭ، ئەمدى مەندىن ئاغرىنما. سېنى مىنمەك قانچىلىك، چاققانلىقىم ئالدىدا. سەن ئۆلگۈدەك چاپىسەن، مىنىۋالسام نوختىلاپ، - دېدى، مايمۇن سەكرىدى، شاخ ئۈستىدىن پۇختىلاپ. ئېيتىڭلارچۇ بالىلار، ئاي قۇدۇققا پاتامدۇ؟ دۆت بولمىسا مايمۇنچاق، ئايغا سەكرەپ باقامدۇ؟
← بارلىق تېمىلار ماسال