ئېغىز
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
كىچىك ئۆردەك ياپىلاق ئاغزىنى مىدىرلىتىپ دەريادا ئۈزۈپ يۈرەتتى. بىر چاغدا ئۇ بىر كىچىك بېلىقنى يۇتۇۋالدى، بىردەمدىن كېيىن كىچىككىنە قىسقۇچپاقىدىن بىرنى يېدى. ئۇ مەغرۇرلىنىپ، - قىرغاقتىكى قېرى مېكىيانغا:
- قارا، سېنىڭ ئۇچلۇق ئاغزىڭ مېنىڭ ئاغزىمنىڭ چاققانلىقىغا يېتىشەلەمدۇ؟ - دېدى.
- ئاغزىم كىچىك بولسىمۇ، بىر نەرسە يېيىش بەك ئوڭاي، - دېدى قېرى مېكىيان، - سېنىڭ ئاغزىڭ چوڭ بولغان بىلەن، چوڭ بېلىقنى يۇتالمايسەن.
قايىل بولمىغان ئۆردەك بىر چوڭ بېلىقنى قوغلاشقا باشلىدى، لېكىن ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنى يېيەلمىدى.
بۇ چاغدا بىر بېلىقئالغۇچ ئۇزۇن تۇمشۇقىنى سۇغا بىر تىقىپلا ھېچبىر قىينالماستىن ھېلىقى بېلىقنى يېۋەتتى. ئۆردەك چۆچۈگەن ھالدا:
- بېلىقئالغۇچنىڭ ئاغزى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن! - دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
- مېنىڭ ئاغزىم يەنىلا تۆمۈرتۇمشۇقنىڭكىگە يەتمەيدۇ! - دېدى بېلىقئالغۇچ كۈلۈپ.
ئۆردەك قىرغاققا چىقتى - دە، قىزىققان ھالدا تۆمۈرتۇمشۇقنى ئىزدەپ تاپتى. ئۇ پولات يىڭنىدەك ئۆتكۈر تۇمشۇقىنى ئىشقا سېلىپ، دەرەخ ئۈستىدىكى قۇرتلارنى يېۋاتاتتى. ئۇ شۇنچە قاتتىق ياغاچنىمۇ تېشەلەيتتى.
ئۆردەك ھاڭ قېتىپ قالدى. تۇيۇقسىز، ئوت - چۆپلەر ئارىسىدىن بىر چوڭ يىلان چىقىپ ئاغزىنى ئېچىپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى. ئۆردەك قورققىنىدىن:
- قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ۋارقىرىۋەتتى.
بۈركۈت ئۇچۇپ كېلىپ:
- قورقما، مەن ئۇنى جايلايمەن، - دېدى ۋە تۆمۈر ئىلمەكتەك تۇمشۇقى بىلەن يىلاننى چىشلىۋالدى.
ئۆردەك بۈركۈتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاجايىپ ياخشى ئاغزىنى ماختىدى.
ئۆردەك قېرى مېكىياننىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىنتايىن خىجىل بولغان ھالدا مۇنداق دېدى:
- مەن چۈشەندىم، ھەممىسىنىڭ ئاغزى شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر قايسىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا پايدىسى بار ئىكەن!