UyghurWiki
UyghurWikiماسالئاقىۋەت

ئاقىۋەت

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كىشى بازاردىن بىر تەشتەك گۈل سېتىۋېلىپ، كۈن نۇرى چۈشۈپ تۇرغان دېرىزىگە قويۇپ قويۇپتۇ. ئانچە ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەي بۇ ئەتىرگۈل غۇنچىلاپ ئېچىلغىلى تۇرۇپتۇ. بۇ يېڭى ئېچىلغان گۈلنىڭ بەرگىلىرى قالتىس گۈزەل ۋە پۇرىقى بەكمۇ خۇش بۇي ئىكەن، ئۇنى كۆرگەنلەرنىڭ زوقى كېلىپ: - ۋاي - ۋۇي، نېمىدېگەن چىرايلىق گۈلسەن، پۇرىقىڭمۇ شۇنچە ئېسىل ئىكەن، ئەمما سېنىڭ تۈۋىڭ قاپقارا، زەي توپىدىن ئايرىلالمايدىكەن، ۋاي ئىسىت، - دېيىشىپتۇ. بۇ ماختاشنى ئاڭلىغان ئەتىرگۈلنىڭ مەغرۇرلۇقى تۇتۇپ ھىجىيىپ كېتىپتۇ، لېكىن ئۇ: >قارا، زەي توپىدىن ئايرىلالمايدىكەن< دېگەن گەپنى ئېسىگە كەلتۈرۈپتۇ - دە، توپىغا ئۆچمەنلىك بىلەن قاراپ: - ئەي، سەن توپا، دەرھال كۆزۈمدىن يوقال! ساڭا ھاجىتىم يوق - دەپتۇ، لېكىن توپا لام - جىم دېمەپتۇ ۋە قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ. ئەتىرگۈل ئاچچىقىغا پايلىماي بىر سەكرىگەنىكەن، ساپىقى بىلەنلا ئۈزۈلۈپ چىقىپتۇ. كۆپ ئۆتمەي بۇ گۈل پورىكى گۈزەل ھۆسنىنى يوقىتىپ، سولىشىشقا باشلاپتۇ ۋە ئاخىر قۇرۇق قاقشالغا ئايلىنىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال