قوزا بىلەن ئوغلاقنىڭ دوستلۇقى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئوغلاق بىلەن قوزىجان،
ئىكەن يېقىن دوستلاردىن.
ئوينايدىكەن سەكرىشىپ،
ئېتىز، ئېرىق، قىرلاردىن.
بىر كۈنىسى قوزىغا،
شۇنداق دەپتۇ ئوغلاقجان:
- قارا، دوستۇم بۇ يەرنىڭ -
چۆپى ئەمەس ھېچ يۇمران.
كۈندە بۇنداق يۈرگۈچە،
كۆرمەيلىمۇ ھەر ياقنى.
تاپمايلىمۇ بىز ئىزدەپ،
چۆپى ئېسىل يايلاقنى.
ئىككى ياققا ئىككىمىز،
بۆلۈنۈپ يول ئالايلى.
ئەگەر تاپساق قايسىمىز،
كېلىپ خەۋەر ئالايلى.
تەكلىپىگە ئوغلاقنىڭ،
قوشۇلۇپتۇ قوزىجان.
ئىككى ياققا ئىككىسى،
يول ئېلىپتۇ شۇ ھامان.
× ×
ماڭا - ماڭا قوزىجان،
قورساقلىرى ئېچىپتۇ.
چۈشكە يېقىن ئاخىرى،
بىر مەنزىلگە يېتىپتۇ.
بۇ يەر ئىكەن زەپ ئېسىل،
قويۇق ئىكەن چۆپلىرى.
شۇنچە يۇمشاق، تاتلىقكەن،
چۆپلىرىنىڭ كۆپلىرى.
ئېرىقلاردا ئاقاركەن،
شىلدىرلىشىپ سۈزۈك سۇ.
بۇنى كۆرۈپ چىن دىلدىن،
بەكمۇ خۇشال بولۇپتۇ ئۇ.
ئويلاپتۇ ئۇ چۆپلەردىن،
ئاۋۋال بىز ئاز يېۋېلىپ؛
ئاندىن بېرىپ ئوغلاقنى -
كېلەيمىكىن چاقىرىپ.
لېكىن بىردىن ئويىدىن،
يېنىۋاپتۇ قوزىقان.
دەپتۇ: - بۇنداق قىلسام مەن،
توغرا بولماس ھەر قاچان.
يۈرگەن بولسا تاپالماي،
دوستۇم بىرەر ماكاننى.
ئاچ قالمىسۇن، مەن باراي،
بىللە يەيلى تاپقاننى.
قوزا ئويلاپ دوستىنى،
سۇمۇ ئىچمەي كېتىپتۇ.
دوستلۇق مېھرى تېنىگە،
زور كۈچ - قۇۋۋەت قېتىپتۇ.
× ×
ئوغلاق ئۇزاق ماڭمايلا،
بىر مەنزىلگە يېتىپتۇ.
بۇ مەنزىلنىڭ ھۆسنىگە،
تويماي - تويماي بېقىپتۇ.
بۇنداق تەكشى ئېسىل چۆپ،
دولقۇنلىنىپ تۇراركەن.
چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدى،
دىماغلارغا ئۇراركەن.
بۇلاقلاردىن زۇمرەت سۇ،
ئوقچۇپ - ئوقچۇپ ئاقاركەن.
ئېسىل، سالقىن ھاۋاسى،
تەنگە زەپمۇ ياقاركەن.
ئويلاپتۇ ئۇ: چۆپلەردىن -
ئاۋۋال تازا يەپ توياي.
ئاندىن ئىچىپ سۇلاردىن،
تەشنالىققامەن قاناي.
ئوغلاق ئۇنتۇپ ھەممىنى،
باش كۆتۈرمەي چۆپ يەپتۇ.
قارنى تويۇپ، بۇلاققا -
سۇ ئىچمەك بولۇپ كەپتۇ.
سۇنى ئىچىپ كۆپ ئۆتمەي،
كەپتۇ تازا ئۇيقۇسى.
ۋۇجۇدىنى ئوراپتۇ،
بىر شېرىنلىك تۇيغۇسى.
دەل شۇ پەيتتە يادىغا،
كېلىپ قاپتۇ قوزىجان.
لېكىن بېشى ساڭگىلاپ،
ئۇخلاپ قاپتۇ شۇ ھامان.
ئۇ چۈشىدە كۆرۈپتۇ،
قوزىجاننى ئاسماندا.
يۈرگۈدەكمىش قوزىجان،
يايلاق ئىزدەپ ھەر ياندا.
ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە،
قوزىجاننىڭ بېشىغا.
كەپتۇ بىردىن پەرىشتە،
ھەمدە ئۇنىڭ قېشىغا.
دەۋاتقۇدەك پەرىشتە:
- دوستۇڭ ئوغلاق ۋاپاسىز.
ياخشى يەرنى تېپىپ ئۇ،
ئۇخلىماقتا قارارسىز.
ئىزدىمىدى ئۇ سېنى،
سەنمۇ ئۇنى ئىزدىمە.
دوستلۇقنى ئۇنتۇغان،
قىپ بېرەلمەس ھېچنېمە.
ئوغلاق ئاڭلاپ بۇ سۆزنى،
جۆيلۈپتۇ ھەم توۋلاپتۇ:
- خاتا قىلدىم، - دەپ شۇئان،
ئۈن چىقىرىپ يىغلاپتۇ.
ئۆز ئۈنىدىن چۆچۈپلا،
ئويغانغاندا ئوغلاقجان.
كۆز ئالدىدا تۇرغۇدەك،
ئاڭا قاراپ قوزىجان.
ئوغلاق ئەمدى راستتىنلا،
ئوڭىدىمۇ يىغلاپتۇ.
قوزىجانغا تىز چۆكۈپ،
ناماقۇللۇق سوراپتۇ.
كىچىك دوستلار، ئېلىڭلار،
بۇنىڭدىن ساۋاق - ئىبرەت.
قەدىرلەڭلار دوستلۇقنى،
دوستلۇق ئېسىل ھەم قىممەت.
ئاڭا قىلساق خىيانەت،
بولۇر سۆزسىز جىنايەت.
دوستلۇق گۈلى ياشنىسۇن،
دىل بېغىدا تا ئەبەد!