شاخ بىلەن ئاچا ياغاچ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
شاپتۇلنىڭ بىر يان شېخى دائىم،
ماختىناركەن ئەتراپقا قاراپ.
ئاستىدىكى ئاچىنى كۆرمەي،
خۇشاللىققا چۆمەركەن سايراپ:
- بارمۇ مەندەك بەختىيار ئۆتكەن،
تاۋىم ئۈستۈن، ئۆتمەكتە كۈنۈم.
>مامۇق< كۆرپە بولغاچ تېگىمدە،
راھەتتىمەن، ياڭرايدۇ ئۈنۈم.
شامال - بوران قىلالمايدۇ كار،
ئەمدى مېنىڭ مۇنۇ قەددىمگە.
ھاجەت، غېمىم چۈشمەس باشقىغا،
كۆز يۇمماڭلار بەخت - قەدىرىمگە...
ئاڭلاپ يان شاخ سۆزىنى ئاچا،
غەزەپلىنىپ كېتىپتۇ يامان.
كەمتەر توتۇپ يەنە ئۆزىنى،
قىپتۇ ئاڭا نەسىھەت شۇئان:
- كەتمە مۇنچە ماختىنىپ يان شاخ،
ئۇنتۇمىغىن ئۆتكەنكى ئىشنى.
غۇر - غۇر چىققان شامالدىمۇ سەن،
ئاز قالدىڭغۇ يارغىلى باشنى.
ئۈنۈڭ يەتتى قەيەرگە شۇ چاغ،
چىللىدىڭغۇ مەدەتكە مېنى.
ھازىرغىچە تۇرامتىڭ كۆكلەپ،
يۆلەنچۈك بوپ باقمىسام سېنى.
شۇ چاغدىكى ئاچچىق ساۋاقنى،
ساقلا مەھكەم ئېسىڭدە ئەبەد.
يەنە شۇنداق ماختىنىپ كۈلسەڭ،
كۈتمە مەندىن ياخشىلىق، مەدەت...
نەسىھەتكە كۆنمەي ئوسال شاخ،
ماختىنىپتۇ يەنە كۆرەڭلەپ.
كۆرۈپ بۇنداق قىلىقنى ئاچا،
ئاچچىقلىنىپ كېتىپتۇ سەكرەپ،
بەس كېلەلمەي غەزەپكە ئاچا،
ئۆزىنى تېز يانغا تارتىپتۇ.
يىقىلىپتۇ يان شاخ شۇ ھامان،
>پۇت - قوللىرى< يەرگە يېتىپتۇ.
× ×
يوق دېمەڭلار، ئەي كىچىك دوستلار،
ئارىمىزدا شاختەك كىشىنى.
ھاجىتىدىن چىققاننى ئۇنتۇپ،
ياخشىلىققا قىلغان ئىشىنى.
ياخشى ئادەم قىلىقى ئەمەس،
ئۆزىچىلا پو ئېتىپ يۈرۈش.
ئۇ ئەمەسمۇ ئۆزىنىڭ پۇقىغا،
ئۆزى ئۇقماي ئايپالتا ئۇرۇش؟!