كۈچ بىرلىكتە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى ئادەم بەدىنىدىكى كۆز، بۇرۇن، ئېغىز، قۇلاق ۋە قول - پۇتتىن ئىبارەت ئالتە ئەزا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ئۈستىدە قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ، ئاخىر بىر - بىرى بىلەن جاڭجال قىلىش باسقۇچىغا يېتىپ قالدى.
- مەن، - دېدى كۆز مەغرۇرلانغان قىياپەتتە ئەڭ ئاۋۋال سۆز ئېلىپ، - كېچە - كۈندۈز ئۆز نۇرۇم بىلەن كىشىلەرنىڭ مېڭىش - تۇرۇش، ئەمگەك قىلىش، كىتاب ئوقۇش ئىشلىرىغا ياردەم بەرمىسەم، قېنى، كىم بۇ دۇنيادا ھايات كەچۈرەلەيدىكەن، شۇڭا مېنىڭ رولۇم ھەممىدىن چوڭ.
- ئۇنچىۋالا كۆرەڭلىمە! - دېدى بۇرۇن لازىدەك قىزارغان ھالدا كۆزگە ھومىيىپ، - سەن ھەر قانچە ماختانساڭمۇ، مېنىڭ بىر قېتىملىق نەپەس ئېلىشىمغا يەتمەيسەن. قېنى، مەن بىر مىنۇت نەپەس ئېلىشتىن توختاي، سېنىڭ پارقىراپ تۇرغىنىڭ قەيەردە قالدىكىن؟
- بۇنى ئاڭلىغان ئېغىز ئۆزىگە خاس مەمەدانلىق بىلەن چۇقان كۆتۈرۈپ ئوتتۇرىغا چىقتى:
- ھەممىڭنىڭ سۆزى بىر تىيىن، مەن ھەر كۈنى ئۈچ ۋاق تاماق يېمىسەم، سۇ ئىچمىسەم، قوشۇمچە ئۆپكىگە ھاۋا يەتكۈزۈپ بەرمىسەم، ھەر قايسىڭ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرۈشەلمەيسەن، شۇڭا ھەممىڭ ماڭا ھۆرمەت قىلىشىڭ كېرەك.
- نېمە دېدىڭ، يەنە بىر ئېيتقىنا؟ - دېدى قول دەرغەزەپ بىلەن ئېغىزغا قاراپ، - سەن يەيدىغان بارلىق تەمىناتنى مەن ئىشلەپ تاپمىسام، يەيدىغان چېغىڭدىمۇ قوشۇق بىلەن چوكىنى ئۆزۈم تۇتمىسام سەن نېمە قىلالايتتىڭ؟
- مېنىڭ رولۇمنبى تىلغا ئالماسلىق - ۋاپاغا جاپا قىلغانلىق! دېدى پۇت ھەسرەت ۋە ئېچىنىش بىلەن، - مەن كۈن بويى جاپا چېكىپ، تەرلەپ - پشىپ سىلەرنى كۆتۈرۈپ يۈرمىسەم، سىلەر نېمە قىلالايتتىڭلار؟ قېنى، ئەمدى نوچىلىقىڭلارنى بىر كۆرۈپ باقاي!
ئۇلار مۇشۇ تەقلىدتە خېلى ئۇزۇنغىچە مەنمەنلىك تالىشىپ، جاڭجاللىشىپ بىر- بىرىنى قايىل قىلالمىغاندىن كېيىن، ئاخىر يۇمۇلۇپ كۆرۈشتىن، ئېغىز تاماق يېيىشتىن، بۇرۇن نەپەس ئېلىشتىن، قول - پۇت ھەرىكەت قىلىشتىن قالدى. شۇنداق قىلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئادەمنىڭ ئۆپكىسىگە ھاۋا يەتمەي يۈرەك ھەرىكىتى ئاجىزلاشقا، ئېغىز - كېكىردەكلىرى قۇرۇپ ئۈچەيلىرى تارتىشىشقا، قول - پۇتلىرى سوۋۇپ، كۆزلىرى ئالىيىشقا باشلىدى. ئۆلۈم خەۋپى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالدى، دەل شۇ پەيتتە، بۇ جاڭجالغا باشتىن ئاخىر ئارىلاشماي تۇرغان قۇلاق مەردانىلىك بىلەن سەكرەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن:
- ئەي مەنمەنچى دوستلىرىم، سىلەر نېمىدېگەن ئەخمەق - ھە! دۇنيادا قايسى نەرسە بىر - بىرى بىلەن باغلانماي، سىلەر ئۆز ئارا مەنمەنلىك تالىشىپ، ئىتتىپاقسىزلىق تۇغدۇرغانلىقتىن، ئىنسان ھاياتى ئېغىر خەۋپ ئاستىدا قالدى، ئۇ ئۆلسە سىلەرمۇ تەڭ ھالاك بولىسىلەر، ئۇنىڭدىن كۆرە، تېزدىن ئىتتىپاقلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىڭلار! -دېدى.
بۇنى ئاڭلىغان كۆز بىرىنچى بولۇپ يوغان ئېچىلدى. ئېغىز، بۇرۇن ئىككىسىمۇ ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان يەپ، ئارقا - ئارقىدىن نەپەس ئېلىشقا كىرىشتى، پۇت - قوللارمۇ ئاستا - ئاستا مىدىرلاپ ئۆلۈم ھالىتىدە ياتقان ئادەم قايتىدىن يېڭى ھاياتقا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆزلىرىگە ئاچچىق ساۋاق قىلىپ، كەمتەرلىك بىلەن بىر - بىرىگە ياردەم بېرىپ، تىنچ - ئىناق، خۇشال - خۇرام ئۆتىدىغان بولدى.