UyghurWiki
UyghurWikiماسالكېمىچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى

كېمىچى ۋە ئۇنىڭ بالىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قەھرىتان قىشنىڭ بار كۈنىسى، كېمىچى كېمە بىلەن بىر يەرگە بارماقچى بولۇپ، بالىسىنىمۇ بىللە ئېلىۋاپتۇ. كېمىچى بىردەم تازا كۈچەپ پالاق ئۇرغاندىن كېيىن، بەك ئىسسىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، كۆڭلەكتىن باشقا كىيىملىرىنىڭ ھەممىسىنى سېلىۋېتىپتۇ، ئاندىن كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ، ئوغلىغا: - بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى، چاپىنىڭنى سېلىۋەت! - دەپ بالىسىنىڭ چاپىنىنى سالدۇرۇۋېتىپ، كۆڭلەكچان قىلىپ قويۇپتۇ. كېمىچى يەنە بىردەم پالاق ئۇرۇپتىكەن، پۈتۈن بەدىنى چىپ - چىپ تەرگە چۆمۈلۈپتۇ، ئاخىر ئۇچىسىدىكى كۆڭلىكىنىمۇ سېلىۋېتىپتۇ. - ئۇھ، نېمىدېگەن ئىسسىق بۇ! - دېگىنىچە كېمە بۆلمىسىگە كىرىپ بالىسىنىڭ كۆڭلىكىنىمۇ سالدۇرۇۋېتىپتۇ. كېمىچى كۈچەپ پالاق ئۇرۇۋېتىپ تەرلەپ كەتكىنىدىن بەدىنىدىن ھور چىقىشقا باشلاپتۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىچارە بالىسى كېمە ئىچىدە مۇزلاپ ئۆلۈپ قاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال