دېھقان، يىلان ۋە قارلىغاچ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سەپەر قىپتۇ بىر دېھقان يىگىت،
بارماق ئۈچۈن قوشنا شەھەرگە.
يول ئۈستىدە چۈشۈپتۇ كۆزى،
غەيرىي ئاۋاز چىققان ئورەككە.
ئورەكتە بىر يىلان بالىسى،
ئىڭرار ئىكەن، نالە - زار قىلىپ:
- قۇتۇلدۇرسا مېنى بىرەر كىم،
قەدىرلەيتتىم، پاناھىم بىلىپ.
رەھمى كەپتۇ يىلانغا شۇ دەم،
يىگىت ئاڭلاپ ئۇنىڭ سۆزىنى.
ئاستا ئېلىپ ئورەك ئىچىدىن،
قۇرۇق يەرگە قويۇپتۇ ئۇنى.
خىتاب قىلىپ دەپتۇ يىلانغا:
- ئەي بىچارە! كۈن كۆرگىن ئامان!
ئاشۇ سۆزنى ئېيتىپ ئۇ يىگىت،
ئۆز يولىغا بولۇپتۇ راۋان.
× ×
ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپ ئارىدىن،
ئۆتكەنىكەن دېھقان شۇ يولدىن.
يېپىشىپتۇ پېشكەللىك ئاڭا،
چىققىنىدەك توقماق تۇلۇمدىن.
سەسكىنىپتۇ دېھقاننىڭ تېنى،
بۇ مەخلۇقنىڭ سۈرلۈك ئەپتىدىن.
چوڭ يىلاننى تونۇپ قاپتۇ ئۇ،
مېيىپ بولغان سىڭا كۆزىدىن:
- ئۇنتۇلمايدۇ ياخشىلىق ھەرگىز.
قىممىتىنى تاپىدۇ ئەلدە.
ئۇنتۇمىغىن نەچچە يىل بۇرۇن،
ياتقىنىڭنى ئىڭراپ ئورەكتە.
قۇتۇلدۇردۇم شۇ چاغدا سېنى،
چىڭ ساقلىغان بولغىيدىڭ ئەستە...
دېھقان بىر چاغ ئېسىنى يىغىپ،
شۇ سۆزلەرنى ئېيتىپتۇ تەستە.
- زەھەر سانجىش ئاتا كەسپىمدۇر، -
دەپتۇ يىلان سۆزىنى ئۈزۈپ، -
مەندىن ھەرگىز ياخشىلىق كۈتمە،
بىلجىرلىما كەيپىمنى بۇزۇپ.
پۇشايماندا قاقشاپتۇ دېھقان،
چىقىپ گويا تۈتۈن بېشىدىن.
كەپتۇ يىلان ئاغزىنى ئېچىپ،
يۇتماق بولۇپ دېھقاننى بىردىن...
>ۋىچىر - ۋىچىر< كەپتۇ قارلىغاچ،
خەۋەر تاپقاندەكلا بۇ سىردىن:
- ھۈرپىيىشنىڭ سەۋەبى نېمە،
ئېيتىڭلارچۇ، كىم خاپا كىمدىن؟
يىلان دەپتۇ: - نېمە قىلاتتىڭ،
شۇنچە سوراپ ئىشنىڭ چېكىنى.
ئۈزۈمىنى يېيىش كۇپايە،
سورىغۇچە ئۇنىڭ تېكىنى.
قارلىغاچقا قىپتۇ ياش دېھقان،
ئۆتكەن ئىشنى بىر - بىرىدىن بايان.
بوپتۇ شۇ چاغ ۋەقەنىڭ سىزى،
قارلىغاچنىڭ كۆڭلىدە ئايان.
سۆز باشلاپتۇ قارلىغاچ تەمكىن:
- ئىككىڭلارغا بولاي مەن قازى.
پىچىرلاپتۇ يىلانغا ئاستا:
قورقما، سېنى قىلىمەن رازى...<
- گۇناھ سەندە ئىكەن ياش يىگىت،
شۇنداق بولسا ئىشنىڭ ئۆتمۈشى.
دەردلىرىڭگە بولالماس سايە،
كۆزۈڭدىكى پۇشايمان يېشى.
زەھەر سانجار ھەمدە قان شورار،
ئىسمى ئۇنىڭ شۇڭلاشقا يىلان.
زەھەر سانجىپ يۈرمەمدۇ ئەنە،
كىچىككىنە جېنىدا چايان.
- راست ئېيتىسەن! - دەپتۇ خۇرسەن بولۇپ،
يىلان ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزىدىن.
چاقنايدىكەن ۋەھىمىلىك ئوت،
ئۇنىڭ سۈرلۈك سىڭا كۆزىدىن.
- ئاتا كەسىپى ئوغۇلغا مىراس،
ئايرىمايمەن ياخشى - ياماننى.
ئاچ قالغاندا ئېشەك چېغىدا،
ئىلغىغانمۇ بېدە - ساماننى.
- يىلان پالۋان، - دەپتۇ قارلىغاچ،
بىر بەلگەڭدىن قىلغىن خەۋەردار.
ئادەم يۇتۇپ كۆنگەن يىلاننىڭ،
تىل ئاستىدا بەلگىسى بولار.
- تىل ئاستىدا بەلگەم بار مېنىڭ،
ئىشەنمىسەڭ قاراپ باق، قېنى.
بىرلا يۇتۇپ مۇنۇ دېھقاننى،
شۇنداق ھەيران قالدۇراي سېنى.
مەغرۇرلىنىپ ئاشۇ سۆز بىلەن،
چوڭ ئېچىپتۇ يىلان ئاغزىنى.
>ئەمدى ھۆكۈم قىلغىن< دېگەندەك:
تەكلىپ قىپتۇ يېڭى قازىنى.
بىرلا چوقۇپ قارلىغاچ دەرھال،
يۇلۇۋاپتۇ يىلان تىلىنى.
يولغا راۋان بوپتۇ دېھقانمۇ،
بىلىپ شۇ چاغ ئىشنىڭ سىرىنى.
كۈتۈلمىگەن زەربىدىن يىلان،
تولغىنىپتۇ ئۈنسىز شۈككىدە.
ئېتىلىپتۇ قارلىغاچقا ئۇ،
ئاچچىق ئاغرىق، ئازاپ ئىلىكىدە.
پەرۋاز قىپتۇ قارلىغاچ كۆككە،
سېزىۋالغۇچ ئۇنىڭ ئويىنى.
يۇلۇۋاپتۇ يىلان دەل ئۇنىڭ،
قۇيرۇقىدىن بەش تال پېيىنى.
قارلىغاچنىڭ قۇيرۇقى ئەنە،
شۇندىن بېرى ئىككى ئاچىمىش.
يىلان دائىم ۋىشىلدايدىكەن،
شۇندىن بېرى تىلى گاچىمىش.
قارلىغاچنى كۆرگەندە يىلان،
>ۋىش - ۋىش< قىلىپ كۆككە باقارمىش،
ئۆچمەنلىكنىڭ زەھىرى قايناپ،
تىللىرىدىن يەرگە ئاقارمىش