UyghurWiki
UyghurWikiماسالكىتاب نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟

كىتاب نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى نۇرغۇن ھايۋانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، >كىتاب نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟< دېگەن مەسىلە ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپتۇ. بويى ئەڭ ئېگىز كەلگەن پىل ھەزرەتلىرى سۆز باشلاپ: - پېقىرغا مەلۇمكى، قەغەز ۋە كىتاب - بامبۇك، دەرەخ پوستى ۋە ئوت - ساماندىن ياسىلىدۇ، لېكىن مەن يېڭى بامبۇك بىلەن يۇمران ئوت - سامانلارنى ياخشى كۆرىمەن. كىشىلەر كىتاب ئىشلەيمىز دەپ، مۇشۇنداق ئوبدان نەرسىلەرنى نېمىشقا تېتىقسىز قىلىپ قويىدۇ؟ كىتابتىكى باسما مېيىنىڭ پۇرىقى تېخىمۇ جېنىمغا تېگىدۇ، - دەپتۇ. كىچىككىنە مىتە قۇرت دەرھال بۇ گەپكە قارشى چىقىپ: - پىل ھەزرەتلىرى، كىتاب - مېنىڭ جېنىم! قارىسىلا، مەن ئۇنى يەيمەن، ئۇنىڭ ئىچىدە ياتىمەن، ئۇ بولمىسا مەن قانداقمۇ ھايات كەچۈرەلەيمەن؟ - دەپتۇ. ھاكاۋۇر خوراز غەزىپىنى باسالماي كاركىراپ سۆزلەپتۇ: - بەزىلەر، كىتاپ - روھىي ئوزۇق دەيدىكەن. ئۇ ئالدامچىلىق! بىر كۈنى مەن بالىلارنىڭ رەسىملىك كىتابىدىن بىر نى تېپىۋېلىپ كەچكىچە ۋاراقلىسام، ئاشلىق ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا بىر تال سامانمۇ يوق ئىكەن! - كىتاب، ھەقىقەتەن بارلىق بالايىئاپەتلەرنىڭ مەنبەسى، - دەپتۇ چاشقان مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، - كىشىلەر ئەدىبىمىزنى بېرىدىغان ئۇسۇل - چارىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كىتابتىن ئۆگىنىۋالىدۇ. قارا ئېيىق دولىسىنى سىلكىپ، خۇش ياقمىغان ھالدا: - بەزىلەر، كىتاب ئوقۇسا ئەقىللىق بولىدۇ، دېيىشىدىكەن، لېكىن بىز ئېيىقلارنىڭ دىيارىدا نادانلىق بىلەن سەمىمىيلىك، دۆتلۈك بىلەن ئەقىللىق دېگەنلەر بىر مەنىدە، - دەپتۇ. ھايۋانلار تالىشىپ بىرەر نۇقتىغا كېلەلمەي تۇرغاندا، قىزىل گالىستۈك تاقىغان، مۈرىسىگە پوپكا ئېسىۋالغان بىر قىزچاق يۈگۈرۈپ كەپتۇ. ھايۋانلار تەڭ ۋارقىرىشىپ قىزنى توختىتىپ، بۇ تالاش - تارتىشنى ئايرىپ قويۇشقا تەكلىپ قىپتۇ. قىزچاق ئانچە ئويلىنىپ تۇرمايلا: - ئۆيۈمدە مەن ئوينايدىغان چىرايلىق رېزىنكە توپ بار، تەمى تاتلىق ئالما بار، لېكىن مەن كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىپ كەتسەم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ، ئەگەر كىشىلەرنىڭ كۆرۈشىگە كىتاب بولمىسا، ھاياتلىقنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن! - دەپتۇ. قىزچاق ئەنە شۇنداق دەپلا ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كېتىپتۇ. ھايۋانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە چۈشىنەلمەي، گاڭگىراپ قاپتۇ. ئاخىر بولماي كىتابنىڭ ئۆزىنى جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىپتۇ. - مەن قىزچاقنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن، - دەپتۇ كىتاب سوغۇققىنا كۈلۈپ قويۇپ، - ئەگەر قىزچاقنىڭ پىكرى سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، ئۇنداقتا ئادەملەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ نېمە پەرقى بولسۇن؟
← بارلىق تېمىلار ماسال