پۇشايمان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر تاغ باغرىدا بىر جۈپ توشقان ياشايدىكەن. باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇلار بىر جۈپ پەرزەنت كۆرۈپتۇ.
كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈپتۇ. بۆجەنلەرمۇ تېز چوڭىيىشقا باشلاپتۇ. ئاتا - ئانىسى ئۇلارنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىكەنكى، ئۇلارغا ھېچ ئىشنى قىلدۇرمايدىكەن. ھەتتا ئىچىدىغان سۈيىدىن تارتىپ يەيدىغان ئوزۇقلىرىغىچە ھەممىنى ئۆزلىرى ئەكىلىپ بېرىدىكەن. بارا - بارا بۆجەنلەرمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قېلىپ، ئويناشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قېرىپ ماغدۇرىدىن كەتكەن توشقانلار ئامالسىزلىقتىن، بالىلىرىنى يېنىغا چاقىرىپتۇ.
- بالىلىرىم، دەپتۇ ئۇلار، - قېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق، سىلەرگە ئوزۇق تېپىپ بەرگۈدەك ماجالىمىز قالمىدى. ئەمدى بۇ ئىش ئۆزۈڭلارغا باغلىق بولۇپ قالدى.
بۆجەنلەر بىر - بىرىگە قارىشىپتۇ. قورساقنىڭ ئاچلىقى ئۇلارنى ئوزۇق ئىزدەشكە مەجبۇر قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپتۇ.
بۆجەنلەر تاغنىڭ تەسكەي تەرىپىنى كۆزلەپ مېڭىپتۇ، ماڭا - ماڭا ئۇلارنىڭ پۇتلىرى ئاغرىپتۇ، قورسىقى ئېچىپ ھالى قالماپتۇ. يېرىق كالپۇكلىرى تىنىمىز تىترەپتۇ، لېكىن يېگۈدەك ھېچ نەرسە تاپالماپتۇ.
ئەتراپ ئاستا - ئاستا قاراڭغۇلىشىشقا باشلاپتۇ. ھالسىزلىنىپ ئاران - ئاران قەدەم بېسىۋاتقان بۆجەنلەر ئاتا - ئانىسىدىن ئاغرىنىپ، ئۆزلىرىنى ئەيىبلەپ دەرد تۆكۈشۈپتۇ:
- ئەي، - دەپتۇ بىرى ئۇھ تارتىپ، - ئاتا - ئانىمىز نېمىشقا بىزنى ئوزۇق تېپىشقا ئۆگەتمىدىكىن! كىچىكىمىزدىن تارتىپ بۇ ئىشقا كۆنگەن بولساق، ئاچ قالمىغان بولاتتۇق.
- ئۆزىمىزدىمۇ سەۋەنلىك بار. بۇ ئىشلارنى ئۆزلۈكىمىدىن ئۆگەنسەكمۇ بولاتتى. مانا ئەمدى ئويۇنقېپىلىقنىڭ دەردىنى تازا تارتىدىغان بولدۇق، - دەپتۇ يەنە بىرى يىغلامسىراپ.
شۇنداق قىلىپ، قاراڭغۇ چۈشۈپتۇ. بىچارە بۆجەنلەر تۈن قاراڭغۇسىدا ھېچ يەرنى پەرق ئېتەلمەي، ئاھ ئۇرۇپ يىغلاپ قېلىشىپتۇ...
بۆجەنلەرنىڭ ئوزۇق تېپىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان توشقانلار كەچ كىرگۈچە بالىلىرىنى كۈتۈپتۇ، بىراق ئۇلار ئەتىسى تاڭ ئاتقاندىمۇ قايتىپ كەلمەپتۇ. توشقانلار ھەر قانچە ئىزدەپمۇ ئۇلارنى تاپالماپتۇ. شۇ چاغدىلا، توشقانلار ئۆز بالىلىرىنى ئەمگەك قىلىشقا ئۆگەتمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىلىشىپتۇ.