UyghurWiki
UyghurWikiماسالبۆرىنىڭ ئۆلۈمى

بۆرىنىڭ ئۆلۈمى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا خىلمۇخىل دەل - دەرەخلەر باراقسان ئۆسكەن، تۈرلۈك مېۋىلەر مەي باغلاپ تۇرغان، ئوت - چۆپلەر ئۆسۈپ رەڭمۇرەڭ گۈل - چېچەكلەر ئېچىلىپ خۇش پۇراقلار چاچقان بىر گۈزەل ۋادا بولۇپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن جان - جانىۋارلار ئىناق - ئەركىن، بەھۇزۇر ياشايدىكەن، جەرەن، بۇغا، توشقان، ئوغلاق، قوزا، موزاي، تايچاقلار قىيغىتىپ، سەكرىشىپ ئوينايدىكەن؛ بۇلبۇل، كاككۇك، شاتۇت قاتارلىق خۇش ئاۋاز قۇشلار تىنماي چاڭىلداپ سايراپ تۇرىدىكەن؛ ئۆردەك، غاز، خورازلار ئەركىن ياشايدىكەن؛ بال يىغقۇچى ھەرىلەر، رەڭگا - رەڭ تون كىيىۋالغان كېپىنەكلەر تۈرلۈك - تۈمەن گۈللەرگە قونۇپ تاماشا قىلىدىكەن. بۇ گۈزەل ۋادىدا ياشىغۇچى ھايۋانلار ۋە تۈرلۈك جانىۋارلار ئۆز ماكانىنى ھەم دوستلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىكەن ۋە ئىناق ياشايدىكەن. ئۇلار ئۆز دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا ھەر دائىم تەييار ئىكەن، بىراق بۇ ۋادىنىڭ بىر تەرىپى تاغ بىلەن تۇتاش بولۇپ، ئۇ يەردە يىرتقۇچ بۆرىلەر ياشايدىكەن. بوران چىققان كېچىسى ئاچكۆز بۆرىلەردىن بىرى تاغدىن چۈشۈپ گۈزەل ۋادىغا كەپتۇ. ئۇ ھايۋانلارنىڭ قەيەرلەردە ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىپ، ئاندىن تاغدىكى بۆرىلەرنى ئەكىلىپ، بۇ ھايۋانلارنى بىر - بىرلەپ يەپ ئوزۇقلىنىشىنى ئويلاپتۇ. ئۇ كېلىش بىلەن دەرەخ ئۈستىدە كۆزەتتە تۇرغان خورازنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نەچچە كۈن ھېچ نەرسە تېپىپ يېيەلمىگەن ئاچ بۆرە: ماڭا يەم چىقتى، دەپ خۇش بولۇپ، شۇ ياققا يۈگۈرۈپتۇ، ئەمما كۈتۈلمىگەندە بۇقا، قوچقار، تېكە ۋە ئاتلار ئالدىدا پەيدا بوپتۇ. بۆرە: قايسىنى يېسەم بولار، دەپ كۆز يۈگۈرتۈپ، سېمىز قوچقارغا ئېتىلىپتۇ، لېكىن بۇ چاغدا بۇقا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ كېلىپ ئۇچلۇق مۇڭگۈزلىرىنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ بىر چوڭ دەرەخكە قىسىپتۇ. - ئۇر - ئۇر - ئۇر! - دەپ خوراز قاتتىق قىچقىرىپتۇ. قوچقار بىلەن تېكە ئىككى تەرەپتىن قاتتىق ئۈسۈشكە باشلاپتۇ. بۆرە داد - پەرياد چېكىپ غىڭشىپتۇ ۋە قوۋۇرغىلىرى سۇنۇپ، تۇمشۇقلىرىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپ ئۆلەر ھالەتكە كەلگەندە ئاران قېچىپ قۇتۇلۇپتۇ. ئۇ تاڭ ئاتقۇچە مىڭبىر مۇشەققەتتە ئاغرىق ئازابىنى تارتىپ، ئاران ئۆز ماكانىغا يېتىپ بېرىپتۇ. قالغان بۆرىلەر ئۇنىڭدىن: - ھە! ئۇ يەردىكى ئەھۋال قانداق ئىكەن؟ - دەپ سوراپتۇ. - گەپ قىلماڭلار، ئۇ يەرگە بېرىش ئاسان، قايتىش تەس ئىكەن. - گۆشنى جىق يەپ، قورسىقىڭنى كۆتۈرەلمەي ئاران كەپسەن - دە؟ - ئەدىبىمنى يەپ ھالىم قالمىدى، قاراڭلار! - دەپ پۈتۈن ئەزالىرىنى كۆرسىتىپتۇ. - قانداق باتۇرلارنى كۆردىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ بۆرىلەر. - بېرىشىمغىلا بىر كانايچىسى بار ئىكەن. دەرەخ ئۈستىدە تۇرۇپ: >ئۇر - ئۇر - ر - ر!< دېيىشىگىلا مۈڭگۈزلىرى ئارىدەك ئاجايىپ كۈچلۈك بىر نەرسە مېنى دەرەخكە قىسىپ تۇردى، پاكار، دوغىلاق ئەگىم مۈڭگۈزلۈك بىر باتۇرى ئوڭ بېقىنىمغا، ئۆرە مۈڭگۈزلۈك باتۇرى سول بېقىنىمغا نەچچىدىن ئۈسۈپلا ھوشۇمدىن كەتكۈزۈۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، جەددى - جەمەتى بەك كۆپ ئىكەن... - دەپلا جان بېرىپتۇ. قالغان ياۋۇز نىيەتلىك بۆرىلەر ئۇنىڭ ئۆلۈكىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىپتۇ ۋە تاغدىن چۈشەلمەس بولۇپ قاپتۇ. بۇ گۈزەل ۋادا تېخىمۇ شادلىققا تولۇپتۇ، ھايۋانلار تېىىمۇ ئەركىن يايراپ كۈلۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
بۆرىنىڭ ئۆلۈمى | UyghurWiki | UyghurWiki