ئاسلاننىڭ بېلىق تۇتۇشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئانا مۈشۈك ئاسلىنى بىلەن دەريا بويىدا بېلىق تۇتۇشقا كىرىشىپتۇ.
شۇ ئەسنادا بىر يىڭناغۇچ ئۇچۇپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاسلان بېلىق تۇتىدىغان قارمىقىنى تاشلاپ، يىڭناغۇچنى قوغلاپتۇ. يىڭناغۇچ تۇتۇق بەرمەي ئۇچۇپ كەتكەنىكەن، ئاسلان قۇرۇق قول دەريا بويىغا قايتىپ كېلىپ، ئانىسىنىڭ يوغانلا بىر بېلىق تۇتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
بىردەمدىن كېيىن بىر كېپىنەك ئۇچۇپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئاسلان يەنىلا ئۇ كېپىنەكنى تۇتالماي، دەريا بويىغا قايتىپ كېلىپ قارىسا، ئانىسى يەنە چوڭ بىر بېلىقنى تۇتۇپتۇ.
- ئەجەپمۇ زېرىكتىما بۇ ئىشتىن! نېمىشقىمۇ كىچىكرەك بىر بېلىقنىمۇ تۇتالمايمەن؟ - دەپتۇ ئاسلان.
ئانا مۈشۈك ئاسلىنىغا قاراپ:
- بېلىق تۇتۇشقا كەلگەندىكىن، بېلىق تۇتۇش بىلەنلا مەشغۇل بولۇش كېرەك، ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشقا بولمايدۇ. بىردەم يىڭناغۇچ تۇتىمەن، بىردەم كېپىنەك تۇتىمەن دەپ چېپىپ يۈرۈپ، بېلىقنى قايسى ۋاقىتتا تۇتماقچىدىڭ؟ - دەپتۇ.
ئاسلان ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېلىق تۇتۇشقا كىرىشىپتۇ. يىڭناغۇچ، كېپىنەكلەر ئەتراپىدا ئۇچۇپ يۈرسىمۇ، كۆز قىرىنى سالماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ بىردەمدىن كېيىن يوغانلا بىر بېلىقنى قارماققا چۈشۈرۈپ تۇتۇۋاپتۇ.