ياڭاق بىلە جىگدە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سۆز تاشلاپتۇ جىگدىخان،
ياڭاقجانغا بىر كۈنى:
- مېنىڭچىلىك بىڭسىڭ يوق،
چۈشىنەمسەن سەن بۇنى؟
كۆرۈپ تۇردۇڭ ئۆزۈڭمۇ،
چېچەكلىدىم مەن بالدۇر.
پىشىپ قالدى مېۋەممۇ،
سېرىق پارقىراپ پار - پۇر!...
كەمتەر ياڭاق شۇ چاغدا،
مۇنداق دەپتۇ جاۋابەن:
- سىز ھەممىدىن ياراملىق،
ئەڭ ئارقىدا تۇراي مەن...
ياڭاقجاننىڭ جاۋابى،
قاپتۇ ئاڭا بەك ياراپ.
شۇڭا يەنە جىگدىخان،
ماختىنىپتۇ ۋالاقلاپ.
جىگدىخاننىڭ گەپلىرى،
سوزۇلۇپتۇ ئۇزاققا.
كۈنلەر ئۆتۈپ ئارىدىن،
نۆۋەت كەپتۇ ياڭاققا.
ياڭاقجاننىڭ ئاخىرى،
پىشىپ قاپتۇ مېۋىسى.
ياڭاقلارنى قېقىپتۇ،
كېلىپ بىر كۈن ئىگىسى.
يوغان - يوغان سېۋەتلەر،
ياڭاق بىلەن تولۇپتۇ.
بۇ شان - شەرەپ ئالدىدا،
ياڭاقجان شاد كۈلۈپتۇ.
ياڭاقجاننىڭ ئالدىدا،
ئوسال بوپتۇ جىگدىخان.
ماختانچاقلىق ئىشىدىن،
قىپتۇ تازا پۇشايمان.