ئەڭ مۇھىم پەزىلەت
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ماتېماتىكىنى قىزىقىپ ئۆگىنىدىغان بىر بالا، ھەر قېتىملىق ماتېماتىكا ئىمتىھانىدا 100 نومۇر ئالىدىكەن، ئۇ كۆڭلىدە: چوڭ بولسام چوقۇم داڭلىق بىر ماتېماتىكا ئالىمى بولىمەن، - دەپ نىيەت باغلاپتۇ، ئەمما ئالىم بولۇش ئۈچۈن يەنە قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
بىر كۈنى، ئۇ ئاتاقلىق بىر ماتېماتىكا ئالىمىغا خەت يېزىپ، بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ پېشقەدەم ئالىم بالىنىڭ خېتىگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭ بىلەن پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇچرىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
بۇ ئىككىيلەن ئۇچرىشىپتۇ. پېشقەدەم ئالىم يېنىدىن بىر ۋاراق قەغەزنى چىقىرىپ، جىددىي تۈستە:
- ئۇنداق بولسا، ئالدى بىلەن سىزدىن ئىمتىھالن ئېلىپ كۆرەي، ئاندىن سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرەي، - دەپتۇ.
بالا ئىمتىھان قەغىزىنى جىددىيلەشكەن ھالدا قولىغا ئاپتۇ. ئۇ قەغەزنىڭ قېتىنى ئېچىپ قارىسا، قەغەزگە پەقەت 1 + 1 = ? دېگەن بىرلا مەسىلە يېزىلغانىكەن.
بالا شۈبھىلىنىپ، بىر ئىمتىھان قەغىزىگە، بىر ئالىمغا قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ. ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ قەلەم تەۋرىتىشكە پېتىنالماپتۇ.
بۇ چاغدا، پىشقەدەم ئالىم مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان كۆزىنى ئۇنىڭغا تىكىپ، مۇلايىملىق بىلەن بالىنىڭ بېشىنى سىيلاپتۇ ۋە:
- بالام، نېمىشقا يازمايسەن؟ قارا، بىرنى بىرگە قوشسا نەتىجىسى ئىككى بولىدۇ. ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا جۈرئەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئېسىڭدە بولسۇنكى، بۇ - ئالىملارنىڭ ئەڭ مۇھىم پەزىلىتى، - دەپتۇ.