تۈلكىنىڭ ھىيلىسى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر تۈلكە ئوزۇق ئىزدەپ تەرەپ - تەرەپكە قاترىغان بولسىمۇ، نەپسىنى باسقۇدەك بىرەر لوقما تائام يولۇقتۇرالماپتۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ >ئىزدىسەڭ تاپارسەن< دېگەن ئۈمىدتە ئورمان، جىغىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، بىر تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغان قوينىڭ قۇيرۇقىغا كۆزى چۈشۈپتۇ. بۇ تەييار ئوزۇقنى كۆرگەن تۈلكىنىڭ شۆلگىيى ئېقىپ، نەپسى تاقىلداپ كېتىپتۇ. ئۇ ئېتىلىپ بېرىپ بۇ تەييار لوقمىنى تۆتلا چايناپ، نەچچە كۈنلۈك ئاچلىقنى باسماق بوپتۇيۇ، ئەمما >قۇيرۇقىنىڭ بۇ يەردە تۇرۇشىدا چوقۇم بىر گەپ بار. ئوۋچى تۇزاق قۇرۇپ قويغان بولمىسۇن يەنە، بىردەم كۈتۈپ تۇرمايمۇ< دەپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، دالدا يەرگە ئۆتۈپ تۇرسا، يىراقتا كېتىۋاتقان بىر بۆرىنى كۆرۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، بۆرىنىڭ قورسىقى ئىچىگە كىرىشىپ، ھالسىزلىقتىن ئاران مېڭىۋاتقۇدەك: ھسە، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئاچ قالغانىكەن، دەپ ئويلاپتۇ - دە، كۆڭلىگە بىر پىلان پۈكۈپ، بۆرىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپتۇ ۋە:
- ۋاي بۆرە غوجام، بىر قوي تۇتۇۋېلىپ يېۋىدىم، قورسىقىم بەك تويۇپ كېتىپ، قۇيرۇقىنى يەپ بولالمايم ئاۋۇ تاش ئۈستىگە قويۇپ قويدۇم. كەچكىچە تۇرسا سېسىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ، بېرىپ يېۋالغان بولسىلا، - دەپتۇ.
ئاچلىقتىن ئۆلەي دەپ قالغان بۆرە، تۈلكە كۆرسەتكەن يەرگە كېلىپ قارىسا، راستلا تاش ئۈستىدە قوينىڭ قۇيرۇقى تۇرغۇدەك. بۆرە كەلگەن پېتى قۇيرۇقىنى شۇنداق بىر چىلىشىگە >ۋاق!< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇنىڭ تۇمشۇقىنى تۆمۈر قىسماق قىسىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ تۇرغان تۈلكە چەكسىز خۇشال بولۇپ بۆرىنىڭ يېنىغا كەپتۇ - دە، قۇيرۇقىنى ئوينىتىپ:
- ئۈچ كۈن بولدى، تۈلكىباي قىلمىدى ناشتا:
بىر گەپ بولمىسا قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا!؟
دەپ قۇيرۇقىنى ئويناتقىنىچە كېتىپ قاپتۇ