UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىككى ساپان

ئىككى ساپان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئىككى ساپان بىر زاۋۇتتا، ئوخشاش تۆمۈردىن ياسىلىپتۇ. بىر ساپان دېھقاننىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن دەرھال يەر ئاغدۇرۇشقا ئىشلىتىلىپتۇ؛ يەنە بىرى، تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدا ساقلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ ئىككى ساپان يەنە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قاپتۇ. دېھقاننىڭ قولىغا چۈشكەن ساپان گويا كۈمۈشتەك جىرىڭلاپ، كۈن نۇرىدا ۋالىلداپ تۇرۇپتۇ، ھەتتا زاۋۇتتىن يېڭى چىققان چاغدىكىدىنمۇ بەك پارقىراپ كېتىپتۇ؛ تىجارەتچىنىڭ دۇكىنىدا ساقلىنىپ تۇرغان ساپان بولسا، ھەممە يېرى داتلىشىپ، تېخىمۇ سەتلىشىپ كېتىپتۇ. - سەن قانداق قىلىپ مۇشۇنداق پارقىراپ تۇرالىدىڭ؟ - دەپ سوراپتۇ داتلىشىپ كەتكەن ساپان. - جېنىم بۇرادىرىم، مېنىڭ پارقىراپ تۇرۇشۇم ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىمدىن بولدى، - دەپتۇ پارقىراپ تۇرغان ساپان. ئۇ يەنە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - سېنىڭ داتلىشىپ پارقىراق ھالىتىڭنى يوقىتىشىڭغا، سېنىڭ دائىم ئاشۇ دۇكاندا مىدىرلىماي يېتىپ ئۆمرۈڭنى بىكار ئۆتكۈزگەنلىكىڭ سەۋەب بولغان، - دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال