UyghurWiki
UyghurWikiماسالئېقىن سۇ بىلەن توختام سۇ

ئېقىن سۇ بىلەن توختام سۇ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى چوڭ ئۆستەڭنىڭ بويىدىكى تىنىپ سۈزۈلۈپ قالغان توختام سۇ ئېقىن سۇنى ياراتماي: - سېنىڭ رەڭگىڭ نېمىدېگەن سەت؟ ئۇماچتەك لاي پېتى ئېقىپ كېتىپسەنغۇ؟ - دېدى. - سەن ئەسلىڭنى ئۇنتۇما. تېخى بايىلا مەندىن ئايرىلىپ كۆلچەككە كىرىۋالغىنىڭ ئېسىڭدىدۇ. - يالغان سۆزلىمە. مەن دېگەن ئەينەكتەك سۈپسۈزۈك تۇرسام، قانداقىسىغا سەندىن ئايرىلىپ چىققان بولاي؟ ساڭا ئوخشاش بەتچىراي بولۇپ ئاققاندىن كۆرە، ماڭا ئوخشاش زۇمرەتتەك چىرايىنى ساقلاپ تىنچ ئارام ئالغان ياخشى. دەل شۇ پەيتتە، ئۆستەڭدىكى سۇ ئۇلغىيىپ كەتتى - دە، قاشتىن يالاپ چۈشكەن سۇ كۆلچەككە كىرىپ توختام سۇنىڭ چىرايىنى بۇزۇۋەتتى.
← بارلىق تېمىلار ماسال